« ئايۇپ »

11

زوفار: سەن جازالىنىشقا لايىق

1نائامالىق زوفار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2«ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىگەنلەرگە رەددىيە بېرىدىغانلار چىقماسمۇ؟

ئەجەبا جاۋىلداقلىق يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلامدۇ؟

3ئاغزىڭ بېسىقماي كاسىلدىساڭلا كىشىلەر ئۈن چىقارماي جىمجىت تۇرارمۇ؟

سېنىڭ مەسخىرىلىرىڭ ئۈچۈن كىشىلەر سېنى نومۇستا قالدۇرماسمۇ؟

4سەن ئۆزۈڭنى ئېتىقادلىق، خۇدا ئالدىدا پاك ئادەممەن دەپ قارامسەن؟

5پەقەت خۇدانىڭ سۆزلىشىنى، ساڭا رەددىيە بېرىشىنى خالايمەن.

6ئۇ ئەقىل-پاراسەتنىڭ سىرلىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ،

چۈنكى ھەقىقىي ئەقىل-پاراسەت ئىككى قىرلىق بولىدۇ.

بىلىشىڭ كېرەككى، خۇدا سېنى گۇناھلىرىڭغا لايىق جازالىمىغاندۇر.

7سەن خۇدانىڭ سىرلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلەمسەن،

ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ چەكسىزلىكىنى بىلەلەمسەن؟

8ئۇ ئەرشتىنمۇ بۈيۈك تۇرسا نېمە ئىش قىلالىشىڭ مۇمكىن؟

ئۇ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن چوڭقۇر تۇرسا، نېمىنى بىلەلىشىڭ مۇمكىن؟

9ئۇ زېمىندىن چوڭ، دېڭىزدىن بىپاياندۇر.

10ئۇ سېنى قاماققا ئېلىپ،

سوتقا تارتسا كىم ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلالىسۇن؟

11ئۇ كاززاپلارنى ياخشى بىلىدۇ،

ئەجەبا جىنايەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ كارى بولماسلىقى كېرەكمىدى؟

12ياۋا تەخەي ئادەم تۇغسا، نادان داناغا ئايلىنىدۇ.

13قەلبىڭنى خۇداغا بېغىشلاپ،

ئۇنىڭغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىل.

14گۇناھ قىلغان بولساڭ، گۇناھتىن قول ئۈزگىن،

چېدىرىڭدا ھېچقانداق ئادالەتسىز ئىش بولمىسۇن.

15شۇندىلا سەن خىجالەتسىز ھالدا يۈزۈڭنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيسەن،

مەزمۇت دەسسەپ تۇرالايسەن، ھېچبىر قورقۇنچ بولمايدۇ.

16ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ئۇنتۇيالايسەن،

ئۇلار كەلكۈن سۈيىدەك ئېقىپ تۈگەيدۇ.

17ھاياتىڭ چۈشتىكى قۇياشتىنمۇ پارلاق بولىدۇ،

قاراڭغۇلۇقىمۇ سەھەردەك يورۇيدۇ.

18ئۈمىدكە تولۇپ، ئۆزۈڭنى تەمكىن ھېس قىلىسەن،

خۇدا ساقلاپ، خاتىرجەم ئۇخلايسەن.

19ئۇخلاۋاتقىنىڭدا ھېچكىم ساڭا ۋەھىمە سالمايدۇ،

نۇرغۇن كىشىلەر سەندىن شاپائەت تىلەيدۇ.

20لېكىن رەزىللەرنىڭ كۆزلىرى نۇرسىزلىنىپ، نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرەلمەيدۇ،

ئۇلارنىڭ قاچىدىغان يولى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى پەقەت ئاخىرقى نەپەستۇر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى