« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

36

1خەلق يوشىيانىڭ ئوغلى يوئاخازنى پادىشاھلىققا تاللىدى ۋە ئۇنى يېرۇسالېمدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

پادىشاھ يوئاخاز

2يوئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 23 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 3ئاندىن مىسىرنىڭ پادىشاھى نىكو ئۇنى يېرۇسالېمدا تەختىدىن چۈشۈرۈپ، يەھۇدىيەگە ئۈچ يېرىم توننا كۈمۈش ۋە 35 كىلو ئالتۇن سېلىق سالدى. 4مىسىرنىڭ پادىشاھى نىكو يوئاخازنىڭ ئاكىسى ئەلياقىمنى يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى يىھوياقىمغا ئۆزگەرتتى. ئىنىسى يوئاخازنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.

پادىشاھ يىھوياقىم

5يىھوياقىم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 6بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇ يىھوياقىمنى بابىلغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلىدى. 7نىبۇكادنەزەر يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بەزى بۇيۇملارنىمۇ بابىلغا ئەكېتىپ، ئوردىسىغا قويدى. 8يىھوياقىم پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئوغلى يىھوياكىن تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

پادىشاھ يىھوياكىن

9يىھوياكىن تەختكە چىققان چاغدا 18 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ئون كۈن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يىھوياكىن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 10شۇ يىلى ئەتىياز كەلگەندە پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى بابىلغا ئەكەلدۈردى. ئاندىن ئۇنىڭ تاغىسى زىدقىيانى يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلدى.

زىدقىيا ۋە پادىشاھلىقىنىڭ ھالاك بولۇشى

11زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 12ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ گۇناھىنى تونۇمىدى. 13نىبۇكادنەزەر ئۇنىڭغا خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نىبۇكادنەزەرگە ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ بوينى ۋە دىلىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمىدى. 14شۇنىڭ بىلەن بىرگە روھانىيلارنىڭ ۋە خەلقنىڭ پۈتۈن يولباشچىلىرى بارغانسېرى يات ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدى، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا مۇقەددەس قىلغان ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى. 15ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۆزىنىڭ خەلقىگە ۋە ئۆزى ماكان قىلغان ئىبادەتخانىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى داۋاملىق پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى. 16لېكىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى زاڭلىق قىلىپ، پەيغەمبەرلىرىنى مەسخىرە قىلدى. ئاخىرى پەرۋەردىگار شۇ قەدەر غەزەپلەندىكى، ئۇلار قۇتقۇزۇۋالغۇسىز ھالغا چۈشۈپ قالدى.

17پەرۋەردىگار بابىل پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. بابىللىقلار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار نە قىزلارغا، نە ئوغۇللارغا، نە قېرىلارغا ياكى ئاجىزلارغا شەپقەت قىلمىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 18بابىل پادىشاھى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك بۇيۇملارنى، قىممەتلىك نەرسىلەرنى، پادىشاھ خەزىنىسىدىكى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى، قىسقىسى ھەممىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 19بابىللىقلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى كۆيدۈرۈپ، يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى ھەمدە سارايلارغا ئوت قويۇپ، ئىچىدىكى بارلىق قىممەتلىك نەرسىلەرنى ۋەيران قىلدى. 20ئۆلۈمدىن ئامان قالغانلارنى بابىلغا ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇلار ئۇ يەردە تاكى پېرسىيە پادىشاھلىقى دەۋرىگىچە ئۇنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ قۇلى بولۇپ ياشىدى. 21ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بوش قالدى. بۇ زېمىن دەم بېرىلمىگەن يىللارنىڭ سانى توشقۇچە، يەتمىش يىل تاشلاندۇق يەر بولۇپ قالدى. پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان بۇ توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشتى.

يەھۇدىيلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى

22پېرسىيە پادىشاھى كورەش تەختكە ئولتۇرغان 1-يىلى* پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار كورەش پادىشاھنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى مەكتۇپ قىلىپ پۈتكۈزۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى: 23«بۇ مەنكى پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ئېيتقانلىرىدۇر: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا قۇرۇشقا تەيىنلىدى. ئاراڭلاردىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغانلار يېرۇسالېم شەھىرىگە قايتسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇدا ئۇلارغا يار بولغاي!›»



*22كورەش پادىشاھ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 539-يىلى تەختكە ئولتۇرغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى