« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

3

ئىبادەتخانىنىڭ سېلىنىشى

1سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ مورىيا تېغىدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن سېلىنىدىغان ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئورنى يىبۇسلۇق ئاراۋنانىڭ خامانلىقىدا بولۇپ، بۇ يەرنى داۋۇت بەلگىلەنگەنىدى. پەرۋەردىگار سۇلايماننىڭ ئاتىسى داۋۇتقا شۇ يەردە زاھىر بولغانىدى. 2سۇلايمان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى 2-ئاينىڭ* 2-كۈنى قۇرۇلۇش باشلاندى.

3بۇرۇنقى ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇ ياساتماقچى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر ئىدى. 4ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ كەڭلىكى ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكىگە تەڭ بولۇپ، كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 10 مېتىر ئىدى. ئىچىنىڭ ھەممە يېرىگە ساپ ئالتۇن قاپلانغانىدى. 5ئاساسىي خانا قارىغاي تاختايلىرى بىلەن قاپلىنىپ، ئاندىن ساپ ئالتۇن چاپلىنىپ، ئۈستىگە خورما دەرىخى ۋە ئۆرۈمە تانىلارنىڭ شەكلى ئويۇلغانىدى. 6سۇلايمان ئىبادەتخانىنى گۆھەر ۋە پارۋايىمدىن ئەكەلگەن ئالتۇنلار بىلەن بېزەتكۈزدى. 7ئىبادەتخانىنىڭ لىم ياغاچلىرى، بوسۇغىلىرى، تاملىرى ۋە ئىشىكلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلاتقۇزۇپ، تېمىغا كېرۇبلارنىڭ شەكلىنى ئويدۇردى.

8سۇلايمان ئەڭ مۇقەددەس خانىنىمۇ ياساتقۇزدى. خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر، كەڭلىكىمۇ 10 مېتىر بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. خانىنىڭ ئىچىنى 21 توننا ساپ ئالتۇن بىلەن بېزەتكۈزدى. 9قېقىلغان مىخلارنىڭ بېشىغا قاپلانغان ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى 600 گىرام ئىدى. يۇقىرىقى خانىلارنىڭ ئىچىنىمۇ ئالتۇن بىلەن بېزەتكۈزدى. 10سۇلايمان يەنە ئىككى دانە كېرۇب ھەيكىلىنى ياسىتىپ، ئۇلارنى ئەڭ مۇقەددەس خانىنىڭ ئىچىگە ئورناتتى ۋە ئۇلارنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. 11-12ئىككى كېرۇبنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 10 مېتىر بولۇپ، ھەربىر قاناتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم مېتىر ئىدى. ھەربىر كېرۇبنىڭ بىر تەرەپتىكى قانىتى ئىبادەتخانا تېمىغا تېگىپ تۇرغان بولۇپ، يەنە بىر قانىتى بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى 13ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس خانىغا يانمۇيان ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇلغان بولۇپ، يېيىلغان قاناتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر ئىدى. 14سۇلايمان يەنە نەپىس كەندىر رەختتىن ئەڭ مۇقەددەس خانىغا پەردە تىكتۈرۈپ، ئۈستىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنى كەشتىلەتتى.

15سۇلايمان يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئىككى تۈۋرۈك ئورناتقۇزدى. ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر بولۇپ، ھەربىر تۈۋرۈك ئۈستىگە ئورنىتىلغان تۈۋرۈك بېشىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر ئىدى. 16ئۇ يەنە زەنجىر ياسىتىپ، تۈۋرۈك بېشىغا ئاستۇردى. 100 دانە ئانار ياسىتىپ، زەنجىرنى بېزەتكۈزدى. 17بۇ تۈۋرۈكلەر ئىبادەتخانا ئىشىكىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكىسىگە «ياكىن» [مەنىسى «خۇدا تىكلەيدۇ»]، سول تەرەپتىكىسىگە «بوئاز» [مەنىسى «خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن»] دەپ نام بەردى.



*22-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى