« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

18

ئارراملارغا قارشى ئۇرۇش

1يىھوشافات بايلىق ۋە شۆھرەتتە چېكىگە يەتتى. ئۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن قۇدىلاشتى. 2بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئۇ سامارىيەگە بېرىپ، ئاخابنى زىيارەت قىلدى. ئاخاب نۇرغۇن قوي-كالا سويۇپ، ئۇنى ۋە ھەمراھلىرىنى ھەشەمەتلىك كۈتۈۋالدى ۋە يىھوشافاتنى ئۆزى بىلەن بىرگە گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۆندۈردى.

3ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتتىن:

_ سىلى گىلئادتىكى راموتنى ئالغىلى مەن بىلەن بىللە باراملا؟ _ دەپ سورىدى.

يىھوشافات:

_ مەن سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى دەپ، بىلگەيلا. مەن سىلىگە جەڭدە ياردەمدە بولاي. 4لېكىن سىلى بۇنى ئالدى بىلەن پەرۋەردىگاردىن سورىسىلا! _ دېدى.

5شۇنىڭ بىلەن ئاخاب 400 پەيغەمبەرنى يىغىپ، ئۇلاردىن:

_ بىز راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ بارغايلا! خۇدا راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.

6بىراق يىھوشافات:

_ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن قالمىدىمۇ؟ ئەگەر قالسا، بىز بۇ ئىشنى ئۇنىڭدىن سورايلى، _ دېدى.

7_ پەرۋەردىگاردىن سورايدىغان يەنە بىرەيلەن بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ، چۈنكى ئۇ مەن توغرۇلۇق ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ ئەمەس، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر.

يىھوشافات:

_ پادىشاھ تۇرۇپ، بۇنداق دېسىلە بولمايدۇ! _ دېدى.

8شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بىرەيلەننى چاقىرىپ، ئۇنى يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.

9ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات شاھانە تونىنى كىيىپ، سامارىيەنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى خاماندا ھەرقايسىسى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشاتتى. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. 10پەيغەمبەرلەردىن بىرى كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا ئىدى. ئۇ تۆمۈردىن ياسالغان بىر جۈپ مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاخاب پادىشاھقا:

_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئارراملارنى يوقاتمىغۇچە، بۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۈسۈپ تۇرىسەن»، _ دېدى.

11باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىپ:

_ راموتقا ھۇجۇم قىلغايلا، سىلى غەلىبە قىلىدىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېيىشتى.

12بۇ چاغدا مىكايانى چاقىرغىلى بارغان ئەمەلدار مىكاياغا:

_ قاراڭ، ھەممە پەيغەمبەرلەر پادىشاھقا بىر ئېغىزدىن ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىشتى. سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرگەيسىز، _ دېدى.

13لېكىن مىكايا:

_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، خۇدا نېمە دېسە مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.

14مىكايا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن:

_ مىكايا، بىز راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ھۇجۇم قىلىشقايلا، غەلىبە قىلىشىدىلا. شەھەر قوللىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ، _ دەپلا قويدى ئۇ.

15لېكىن پادىشاھ:

_ مەن سېنى، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇرىمەن؟ _ دېدى.

16مىكايا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

_ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى قويچىسىز قالغان قوي پادىسىدەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق، ئۇلار ئۆز يۇرتىغا تىنچ-ئامان قايتسۇن!».

17ئاخاب يىھوشافاتقا:

_ مەن ئۆزلىرىگە بۇ ئادەم مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ياخشى گەپ قىلماي، ھامان يامان گەپ قىلىدۇ، دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى.

18مىكايا يەنە مۇنداق دېدى:

_ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى. 19پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇنى راموتقا بېرىشقا كىم ئازدۇرىدۇ؟» دەپ سورىدى. بەزىلەر بۇنداق دېسە، بەزىلەر ئۇنداق دېدى. 20كېيىن بىر روھ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، «مەن ئازدۇرىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. 21ھېلىقى روھ «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا «سەن ئۇنى چوقۇم ئازدۇرالايسەن. بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرغىن» دېدى.

22مىكايا ئەڭ ئاخىرىدا:

_ ئىشنىڭ جەريانى مانا شۇنداق. پەرۋەردىگار سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆزلىرىگە يالغان ئېيتقۇزدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ سىلىگە بالايىئاپەت ياغدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! _ دېدى.

23شۇنىڭ بىلەن كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكايانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن:

_ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قانداقلارچە مەندىن ئايرىلىپ، ساڭا سۆز قىلىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

24_ بىر كۈنى سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ كۈنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى مىكايا.

25شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئەمەلدارغا مىكايانى تۇتۇپ، شەھەر باشلىقى ئامون بىلەن شاھزادە يوئاشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇدى ۋە 26ئەمەلدارغا:

_ سىلەر بېرىپ، ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاپ، مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دېگىن، _ دەپ بۇيرۇدى.

27_ ئەگەر ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزىنى يەتكۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، _ دېدى مىكايا، _ ھەربىرلىرى سۆزۈمنى ئەسلىرىدە تۇتۇشقايلا.

28ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 29ئاخاب يىھوشافاتقا:

_ بىز جەڭگە چىققاندا، مەن قىياپىتىمنى ئۆزگەرتىۋالاي، سىلى شاھانە تونلىرىنى كىيىۋەرسىلە، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ ئاخاب قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، جەڭگە كىردى. 30ئاررام پادىشاھى ھارۋىلىق لەشكەر باشلىقلىرىغا: «سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ چوڭ-كىچىك لەشكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرمەي، ھۇجۇمنىڭ نىشانىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا قارىتىڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى. 31شۇڭا ئۇلار يىھوشافاتنى كۆرگەندە، ئۇنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ، ھۇجۇم قىلىشتى. يىھوشافات قورقۇپ ۋارقىرىۋەتتى. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، ئارراملارنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇردى. 32شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇنى قوغلىماي كېتىپ قېلىشتى. 33بىراق، بىر ئاررام لەشكىرى تاسادىپىي بىر ئوق ئېتىۋىدى، ئۇ ئوق دەل ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ قاسراقسىمان ساۋۇتىنىڭ ياپالمىغان يېرىگە تەگدى. ئاخاب جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگۈچىگە ۋارقىراپ:

_ مەن يارىلاندىم، كەينىڭگە قايتىپ، جەڭدىن چېكىن! _ دېدى.

34لېكىن ئۇ كۈنى جەڭ شىددەتلىك بولدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى كەچ كىرگۈچە ھارۋىسىدا چىداپ ئولتۇرۇپ، ئارراملارغا يۈزلىنىپ تۇردى. كۈن پاتقاندا ئۇ جان ئۈزدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى