« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

15

پادىشاھ ئاسانىڭ ئىسلاھاتى

1ئودېدنىڭ ئوغلى ئازارياغا خۇدانىڭ روھى چۈشتى. 2ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن بىللە بولساڭلار، ئۇمۇ سىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى ئىزدىسەڭلار، تاپالايسىلەر. ئەگەر ئۇنى تاشلىساڭلار، ئۇمۇ سىلەرنى تاشلايدۇ. 3ئىسرائىللار ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا ھەقىقىي خۇداسىز ياشىدى . ئۇلارغا تەلىم بېرىدىغان روھانىيلار يوق ئىدى. ئۇلار خۇدانىڭ قانۇنىدىن مەھرۇم قالغانىدى. 4لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئىزدىدى ۋە ئۇنى تاپتى.

5ئۇ چاغلاردا سەپەرگە چىقىش خەتەرلىك ئىدى، ھەممە يەرلەرنى قالايمىقانچىلىق قاپلىغانىدى. 6ئەل بىلەن ئەل، شەھەر بىلەن شەھەر بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشقانىدى. چۈنكى خۇدا ھەر خىل ئاپەتلەر بىلەن ئۇلارغا ئازاب سالغانىدى. 7لېكىن سىلەر قەيسەر بولۇڭلار. بوشاپ كەتمىسەڭلارلا، ئەجرىڭلارغا لايىق مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر.

8پادىشاھ ئاسا ئودېدنىڭ ئوغلى ئازاريا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، پۈتۈن يەھۇدا، بىنيامىن زېمىنلىرىدىكى ۋە ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان، ئۆزى تارتىۋالغان ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنى ئالدۇرۇۋەتتى ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىنى يېڭىلىدى. 9ئەينى چاغدا ئەفرايىم، ماناسسە، شىمون قەبىلىلىرىدىن بولغان نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئاساغا يار بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەدىن ئايرىلىپ، ئاساغا قوشۇلدى ھەم يەھۇدىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالدى. ئاسا ئۇلارنى يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى بىلەن بىرگە يىغدى. 10ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 15-يىلى باھار پەسلىنىڭ ئاخىرقى ئېيىدا* ئۇلار يېرۇسالېمدا يىغىلدى. 11ئۇ كۈنى ئۇلار ئولجا ئالغان ماللار ئارىسىدىن 700 تۇياق كالا ۋە 7000 تۇياق قوينى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلدى. 12ئۇلار يەنە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىنتىلىش ئۈچۈن خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. 13كىمكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئىنتىلمىسە، مەيلى قېرى-ياش بولسۇن، مەيلى ئەر-ئايال بولسۇن، ھەممىسى بىردەك ئۆلتۈرۈلىدىغان بولدى. 14ئۇلار خۇشاللىنىپ، يۇقىرى ئاۋازلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا قەسەم بەردى ھەم كاناي، بۇرغا چالدى. 15يەھۇدىيەلىكلەر بەرگەن قەسەملىرىدىن خۇشاللىققا چۆمدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا قىزغىنلىق بىلەن قەسەم بېرىپ، ئۇنىڭغا چىن قەلبى بىلەن ئىنتىلگەنىدى. پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ھەر تەرەپتە تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلدى.

16ئاسا پادىشاھ ھەتتا مومىسى مائاكانىڭ خان ئانىسى مەرتىۋىسىنى بىكار قىلدى.* چۈنكى ئۇ ئىلاھە ئاشېرانىڭ بىر بەتبەشىرە بۇتىنى ياساتقانىدى. ئاسا ئۇ بەتبەشىرە بۇتنى چېپىپ يىقىتىپ، پارچىلاپ، ئۇنى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. 17گەرچە غەيرىي سەجدىگاھلار ئىسرائىلىيەدىن يوقىتىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاسا ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ كەلدى. 18ئۇ ئاتىسى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملارنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى. 19ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 35-يىلىغىچە ئۇرۇش بولمىدى.



*10باھار پەسلىنىڭ ئاخىرقى ئېيى _ ئىبرانىي تىلىدا «3-ئايدا». 3-ئاي مىلادىيە كالېندارى بويىچە 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

*16خان ئانىسى مەرتىۋىسى _ بۇ قەدىمكى يەھۇدىيە ۋە بەزى قوشنا ئەللەردە پادىشاھتىن قالسىلا سىياسىي ئىشلاردا تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان ئىككىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋە.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى