« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

13

پادىشاھ ئابىيانىڭ ئىسرائىلىيەنى مەغلۇپ قىلىشى

1ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئابىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ، گىبئاھ شەھىرىدىكى ئۇرىئېلنىڭ قىزى ئىدى.

ئابىيا بىلەن ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى. 3ئابىيا 400 مىڭ خىللانغان لەشكەر بىلەن ھۇجۇمغا ھازىرلاندى. ياروبئام 800 مىڭ خىللانغان لەشكەر بىلەن سەپ تۈزۈپ، جەڭگە تەييار بولدى. 4ئابىيا ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى زىمارايىم تېغىدا تۇرۇپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەي ياروبئام ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار. 5ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن بىكار قىلىشقا بولمايدىغان مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ 6شۇنداق بولسىمۇ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ئەسلى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تۇرۇقلۇق، خوجايىنىغا ئاسىيلىق قىلدى. 7ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر تۈركۈم يارىماس لۈكچەكلەر يىغىلىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام بىلەن قارشىلاشتى. ئۇ چاغدا رىخوبئام تېخى ياش، تەجرىبىسىز بولۇپ، قارشى تۇرۇشقا كۈچى يوق ئىدى.

8ھازىر سىلەر داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىغا قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىسىلەر. ئەجەبا سىلەر ئادەملىرىمىز كۆپ، ھەم ياروبئام ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزاي ئىلاھلىرىمىز بار، دەپ ئويلامسىلەر؟ 9سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى ھەيدىۋېتىپ، يات خەلقلىرىنىڭ يامان ئادەتلىرى بويىچە ئۆزۈڭلارغا روھانىي تىكلىدىڭلار. ھەرقانداق بىر ئادەم بىر تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار ئەكەلسىلا، ئۇ ساختا ئىلاھلارنىڭ روھانىيسى بولالايدۇ.

10بىزگە كەلسەك، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنى تاشلىۋەتمىدۇق. ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىۋاتقان روھانىيلىرىمىز يەنىلا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. لاۋىيلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەۋاتىدۇ. 11ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق سېلىپ، نانلارنى پاكلانغان شىرەگە دەستىلەپ قويۇپ، ھەر كۈنى كەچتە ئالتۇن چىراغداننىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇۋاتىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىمىز، سىلەر ئۇنى تاشلىۋەتتىڭلار. 12خۇدا بىز بىلەن ياردۇر، ئۇ بىزنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ روھانىيلىرى سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كانىيىنى چېلىپ، چاقىرىق قىلىدۇ. ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، ئەجدادىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن قارشىلاشماڭلار، سىلەر غەلىبە قىلالمايسىلەر.

13ياروبئام بىر قىسىم لەشكەرلىرىنى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىغا ئەۋەتىپ، بۆكتۈرمە قويغانىدى. ياروبئامنىڭ قوشۇنلىرى يەھۇدىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىدا، بۆكتۈرمە قوشۇن كەينىدە ئىدى. 14يەھۇدىيەلىكلەر ئالدى-ئارقىسىدا دۈشمەن بارلىقىنى بايقاپ، پەرۋەردىگاردىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ياردەم تەلەپ قىلدى. روھانىيلار كانايلىرىنى ھۇجۇم قىلىشقا چالدى، 15يەھۇدىيەلىكلەر نەرە تارتتى. شۇ پەيتتە خۇدا ياروبئام ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئابىيا ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلدى. 16ئىسرائىلىيەلىكلەر يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئالدىدىن قاچتى. خۇدا ئۇلارنى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 17ئابىيا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ 500 مىڭ خىللانغان قوشۇنىنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى. 18شۇ كۈنى ئىسرائىللار مەغلۇپ بولدى، يەھۇدىيەلىكلەر ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا تايانغانلىقى ئۈچۈن غەلىبە قىلدى.

19ئابىيا ياروبئامنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ، بەيتەل، يىشانا ۋە ئەفرون شەھەرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى قولىغا كىرگۈزدى. 20ئابىيا ھايات ۋاقتىدا ياروبئام كۈچىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى. كېيىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى بىلەن ئۆلدى. 21ئابىيا بارغانسېرى كۈچلەندى، ئۇنىڭ 14 نەپەر خوتۇن، توقاللىرى، 22 ئوغلى ۋە 16 قىزى بار ئىدى.

22ئابىيا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئەمەللىرى ۋە سۆزلىرى ئىددو پەيغەمبەر پۈتكەن تەزكىرىگە پۈتۈلگەندۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى