« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

12

مىسىرنىڭ يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىشى

1رىخوبئام ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، پادىشاھلىقىنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىنى تاشلىۋەتتى. خەلقمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 2يەھۇدىيەلىكلەر پەرۋەردىگارغا بولغان ساداقىتىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، رىخوبئام پادىشاھنىڭ بەشىنچى يىلى مىسىر پادىشاھى شىشاقنىڭ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويۇلدى. 3شىشاق مىسىردىن 1200 جەڭ ھارۋىسى، 60 مىڭ ھارۋىلىق لەشكەر ۋە سان-ساناقسىز لىۋىيەلىك، سۇكلار ۋە كۇشلارنى باشلاپ كەلگەنىدى. 4ئۇ يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇدۇل يېرۇسالېمغا قىستاپ كەلدى.

5شۇ ۋاقىتتا يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى شىشاقتىن قورقۇپ، يېرۇسالېمغا يىغىلغانىدى. شىمايا پەيغەمبەر رىخوبئام ۋە يېتەكچىلىرىگە مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، سىلەر مېنى تاشلىۋەتكەچكە مەنمۇ سىلەرنى تاشلىۋېتىپ، سىلەرنى پادىشاھ شىشاقنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردىم.

6رىخوبئام ۋە يېتەكچىلەرمۇ بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇناھلىرىنى تونۇپ، مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار ئادالەتلىكتۇر.

7پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كەمتەرلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر شىمايا ئارقىلىق ئۇلارغا مۇنداق ۋەھىي چۈشۈردى:

_ ئۇلار كەمتەرلىك قىلغانىكەن، ئۇلارنى يوقاتماي، ئۇلارغا پات يېقىندا بىر ھاياتلىق يولى بېرىمەن. مەن يېرۇسالېمغا غەزىپىمنى شىشاق ئارقىلىق چاچمايمەن. 8لېكىن مەن ئۇلارنى شىشاققا بويسۇندۇرۇپ بېرىمەن. شۇنداق قىلسام، ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىش بىلەن باشقا پادىشاھلارغا خىزمەت قىلىشنىڭ پەرقىنى بىلىۋالسۇن.

9مىسىر پادىشاھى شىشاق يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلاردىن تارتىپ، ھېچ نەرسىنى چالا قويماي بۇلاپ كەتتى. سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئالتۇن قالقانلارنىڭمۇ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. 10كېيىن رىخوبئام پادىشاھ ئاشۇ ئالتۇن قالقانلارنىڭ ئورنىغا تۇچ قالقانلارنى ياسىتىپ، ئوردا دەرۋازىسىغا قارايدىغان قاراۋۇللار باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى. 11پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا، قاراۋۇللار بۇ قالقانلارنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى، ئاندىن كېيىن يەنە بۇ قالقانلارنى قورال ئامبىرىغا قويۇپ قوياتتى.

12رىخوبئام گۇناھلىرىنى تونۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىقىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي يوقاتمىدى. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئەھۋالى بىر ئاز ياخشىلاندى.

پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ۋاپات بولۇشى

13رىخوبئام پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېرۇسالېمدا داۋاملىق پادىشاھ بولدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 41 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يېرۇسالېم شەھىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرى ئارىسىدىن تاللىغان شەھەر ئىدى. رىخوبئامنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. 14رىخوبئام پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىدىن ئىنتىلمەي، يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 15رىخوبئام پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى شىمايا پەيغەمبەر پۈتكەن تەزكىرىگە ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئىددو پۈتكەن تەزكىرىگە پۈتۈلگەندۇر. بۇلار نەسەبنامىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. 16رىخوبئام ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. رىخوبئامنىڭ ئوغلى ئابىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى