« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

8

شۇنېملىق ئايالنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتا ئىگە بولۇشى

1ئېلىشا ئۆزى تىرىلدۈرگەن ئوغۇلنىڭ ئانىسىغا:

_ سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن نەگە بارالىسىڭىز شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇڭ، چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولىدىغانلىقىنى قارار قىلدى، _ دېدى.

2شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، يەتتە يىل تۇردى. 3يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئايال فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدىن قايتىپ كېلىپ، پادىشاھتىن ئۆيى ۋە ئېتىزلىقىنى تەلەپ قىلغىلى باردى. 4بۇ چاغدا پادىشاھ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى گېخازىغا: «سەن ماڭا ئېلىشا قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەر» دېگەنلىكى ئۈچۈن، 5گېخازى پادىشاھقا ئېلىشانىڭ ئۆلگەن بىر بالىنى تىرىلدۈرگەن ئىشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقانىدى. دەل شۇ پەيتتە ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن ھېلىقى ئايال پادىشاھتىن ئۆيى ۋە ئېتىزلىقىنى تەلەپ قىلىپ، كىرىپ كەلدى. گېخازى:

_ ئى پادىشاھى ئالەم، ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن ئايال مانا مۇشۇدۇر، بۇ ئۇنىڭ تىرىلگەن ئوغلىدۇر، _ دېدى.

6پادىشاھ ئۇ ئايالدىن سورىۋىدى، ئۇ ھەممە ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئاندىن پادىشاھ ئۇ ئايالنىڭ ئىشى ئۈچۈن بىر ئەمەلدارنى بەلگىلەپ، ئۇنىڭغا:

_ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇ بۇ زېمىندىن كەتكەن كۈندىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئېتىزلىقىدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بەر، _ دېدى.

ئېلىشانىڭ خازائېلنىڭ رەزىللىكىنى ئالدىن ئېيتىشى

7ئۇ ئىشلاردىن كېيىن ئېلىشا دەمەشققە باردى. بۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى بەنھاداد كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ «خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بۇ يەرگە كەلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، 8ئەمەلدارى خازائېلغا:

_ سەن سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ بېرىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بىلەن كۆرۈشكىن. ئۇ كىشى پەرۋەردىگاردىن: «مېنىڭ كېسىلىم ساقىيارمۇ؟» دېگەن سوئالىمنى سوراپ باقسۇن، _ دېدى.

9خازائېل قىرىق تۆگىگە دەمەشقنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىدىن ئارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى. ئۇ ئېلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئوغۇللىرى ئاررام پادىشاھى بەنھاداد مېنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا: «مەن بۇ كېسەلدىن ساقىيالايمەنمۇ؟» دېگەن سوئالىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، _ دېدى.

10ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ سەن بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۆزلىرىنىڭ ساقىيىپ كېتىشلىرى مۇقەررەر» دەپ ئېيتقىن، لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلدىكى، ئۇنىڭ ئۆلۈشى مۇقەررەردۇر، _ دېدى.

11ئاندىن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى تاكى خازائېل خىجىل بولغۇچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئاخىرىدا ئېلىشا يىغلاپ كەتتى.

12_ خوجام، ئۆزلىرى نېمىشقا يىغلايدىلا؟ _ دېدى خازائېل.

_ چۈنكى مەن سېنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن، _ دېدى ئېلىشا، _ سەن ئۇلارنىڭ قەلئەلىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرىسەن، ياشلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىسەن، ئۇششاق بالىلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرىسەن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى يارىسەن.

13_ مەن قۇللىرى قانچىلىك ئادەم ئىدىم؟ مەن پەقەت بىر ئىت، خالاس. بۇنچىلىك چوڭ ئىشلار قانداقمۇ مېنىڭ قولۇمدىن كەلسۇن؟ _ دېدى خازائېل.

_ پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلدىكى، سەن ئاررام پادىشاھى بولىسەن، _ دېدى ئېلىشا.

14ئاندىن ئۇ ئېلىشا بىلەن خوشلىشىپ، ئۆزىنىڭ خوجايىنىنىڭ يېنىغا باردى. بەنھاداد ئۇنىڭدىن:

_ ئېلىشا ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ _ دەپ سورىدى.

خازائېل جاۋابەن:

_ ئۇ ماڭا ئۆزلىرىنىڭ جەزمەن ساقىيىپ كېتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى، _ دېدى.

15لېكىن ئەتىسى ئۇ يوتقاننى سۇغا چىلاپ، بەنھادادنىڭ يۈزىنى ئوراپ دىمىقتۇرۇپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن خازائېل ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

يەھۇدىيە پادىشاھى يىھورام

16ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 5-يىلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ئوغلى يىھورام تەختكە چىقىپ، پادىشاھلىق قىلدى. 17ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 32 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 18يىھورام ئاخابنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 19لېكىن، پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارى داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن، يەھۇدىيەنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي، ئەۋلادىنىڭ تەختىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنىدى.

20يىھورام پادىشاھ ۋاقتىدا ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىگە ئايرىم بىر پادىشاھ تىكلىۋالدى. 21شۇنىڭ بىلەن يىھورام بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېلىپ، زائىر شەھىرىگە باردى. ئۇ، كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ھارۋىلىق لەشكەرلەر باشلىقلىرى بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنى قورشاپ تۇرغان ئىدوملۇقلار ئارىسىدىن قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭ قوشۇنىدىكى لەشكەرلەر ئۆيلىرىگە تاراپ كەتتى. 22شۇنىڭدىن كېيىن ئىدوملۇقلار تاكى ھازىرغىچە يەھۇدىيەگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە. شۇ چاغدا لىبناھلىقلارمۇ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىشقانىدى.

23يىھورام پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 24يىھورام ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخازيا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.

يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا

25ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى يىھورامنىڭ ئوغلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 26ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 22 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئومرىنىڭ نەۋرىسى ئاتاليا ئىدى. 27ئاخازيا ئاخاب جەمەتىدىكىلەر بىلەن نىكاھ مۇناسىۋىتىدە بولغاچقا، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.

28ئاخازيا ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا ئەگىشىپ، گىلئادتىكى راموتقا ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى جەڭ قىلغىلى باردى. ئارراملار يورامنى يارىلاندۇردى. 29شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يورام يارىسىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتتى. يورام يارىلانغانلىقى ئۈچۈن ئاخازيا يىزرىئەلگە ئۇنى يوقلاپ باردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى