« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

16

يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخاز

1رىماليانىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 17-يىلى يوتەمنىڭ ئوغلى ئاخاز يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 20 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەجدادى داۋۇت دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخاز پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، 3ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئوغلىنىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. 4ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردا، ئېگىزلىكلەردە ۋە ھەربىر باراقسان ئۆسكەن دەرەخ تۈۋىدە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سالدى.

ئاخازنىڭ ئاسسۇردىن ياردەم سورىشى

5شۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى رىزىن بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار ئاخازنى قورشىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭەلمىدى. 6بۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى رىزىن ئېلات شەھىرىنى ئاررامنىڭ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، يەھۇدىيەلىكلەرنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئاندىن ئىدوملۇقلار ئېلاتقا كېلىپ ئولتۇراقلاشتى، ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شۇ يەردە ياشماقتا.

7ئاخاز ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ:

_ مەن سىلىگە قۇل بولاي، بالا بولاي. سىلى كېلىپ، مېنى ئاررام پادىشاھى بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتقۇزۇۋالسىلا، _ دېدى. 8ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ھەم ئوردا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا سوۋغات قىلىپ ئەۋەتتى. 9شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى ماقۇل بولۇپ، ئاررامنىڭ پايتەختى دەمەشقنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. ئاھالىسىنى قىر شەھىرىگە سۈرگۈن قىلدى، رىزىننىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى.

ئاخازنىڭ ئىبادەتخانىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشى

10ئاخاز پادىشاھ دەمەشققە بېرىپ، ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ دەمەشقتىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سىزمىسى ۋە لايىھەسىنى روھانىي ئۇرىياغا يوللىدى. 11شۇنىڭ بىلەن روھانىي ئۇرىيا پادىشاھ ئاخازنىڭ دەمەشقتىن ئەۋەتكەن يوليورۇقى بويىچە، پادىشاھ دەمەشقتىن قايتىپ كەلگۈچە قۇربانلىق سۇپىسىنى ياسىتىپ بولدى. 12پادىشاھ دەمەشقتىن كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق قىلدى. 13ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىدە كۆيدۈرۈپ، ئىچىملىك ھەدىيەسىنى ئۇنىڭغا تۆكتى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. 14پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى تۇچتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسى ئەسلىدە يېڭى قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، پادىشاھ ئاخاز ئۇنى يۆتكەپ، يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە قويدۇردى.

15ئاخاز پادىشاھ روھانىي ئۇرىياغا:

_ چوڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا سەھەرلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەسىنى، پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى، زېمىندىكى پۈتۈن خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى كۆيدۈرۈڭ ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنى ئۇنىڭغا تۆكۈڭ. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنىڭ ھەممە قېنىنى ئۇنىڭغا چېچىڭ. لېكىن تۇچتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسىنى ماڭا قالدۇرۇڭ، مەن ئۇنى كەلگۈسىدە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلىشىم ئۈچۈن ئىشلىتەي، _ دېدى. 16روھانىي ئۇرىيا پادىشاھ ئاخازنىڭ بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلدى.

17ئاخاز پادىشاھ يەنە، داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنىڭ تۆت چاسا رامكىلىرىنى كېسىپ چىقىرىۋېتىپ، داسلارنى ئېلىۋەتتى. ئۇ يەنە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان داڭقاننى تۇچ بۇقىلارنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈرۈپ، تاشتىن ياسالغان سۇپىغا قويدى. 18ئۇ يەنە ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەۋەبى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا پەقەت دەم ئېلىش كۈنىلا ئىشلىتىش ئۈچۈن ياسالغان سايىۋەنلىك يولنى ۋە پادىشاھنىڭ ئىبادەتخانىغا سىرتتىن كىرىشى ئۈچۈن ياسالغان كىرىش ئېغىزىنى ئېتىۋەتتى.

19ئاخاز پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 20ئاخاز ۋاپات بولۇپ، بوۋىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»گە، يەنى ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى خىزكىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى