« تارىخلار بىرىنچى قىسىم »

22

1شۇڭا داۋۇت:

_ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان قۇربانلىق سۇپىسى مۇشۇ يەردە بولىدۇ، _ دەپ جاكارلىدى.

داۋۇتنىڭ ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى

2داۋۇت ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنى بىر جايغا يىغىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئىشلىتىدىغان تاشلارنى يۇنۇپ، تەييارلاشقا بۇيرۇدى. 3داۋۇت يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ياغاچ دەرۋازىسىنى مىخلاشقا كېتىدىغان مىخ ۋە مۇجۇق ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تۆمۈر يىغدى ۋە يەنە ھەددى-ھېسابسىز تۇچ تەييارلىدى. 4ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان كېدىر ياغىچى تەييارلىدى. بۇ كېدىر ياغاچلىرىنى سىدونلۇقلار ۋە تىرلىقلار توشۇپ ئەكەلگەنىدى.

5داۋۇت كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سېلىنىدىغان بۇ ئىبادەتخانا چوقۇم ھەيۋەتلىك بولۇشى، ئۇنىڭ داڭقى ۋە شەرىپى پۈتۈن دۇنياغا تونۇلۇشى كېرەك. لېكىن ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ۋە تەجرىبىسىز، شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىغا كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇشۇم كېرەك» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن، بۇ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى تەييارلىدى.

6كېيىن داۋۇت ئوغلى سۇلايماننى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى بۇيرۇدى. 7ئۇ سۇلايمانغا مۇنداق دېدى:

_ ئوغلۇم، مەن ئەسلىدە پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى ئويلىغانىدىم. 8لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى قىلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئۆلتۈردۈڭ، مېنىڭ كۆز ئالدىمدا يەر يۈزىدە نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ قېنى تۆكۈلدى. شۇڭا مېنىڭ نام-شەرىپىم ئۈچۈن ئىبادەتخانىنى سەن سالساڭ بولمايدۇ. 9لېكىن سەن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرىسەن، ئۇ تىنچ دەۋردە ياشايدۇ. مەن ئۇنى ئەتراپىدىكى ھەممە دۈشمەنلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىدىن قوغدايمەن. ئۇنىڭ ئىسمى سۇلايمان مەنىسى «تىنچلىق» بولىدۇ. ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە مەن ئىسرائىلىيەگە تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىمەن. 10ئۇ مېنىڭ نام-شەرىپىم ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالىدۇ. ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن. مەن ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېدى.

11ئوغلۇم، پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن. سەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالغاندا، سېنى خۇدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرسۇن. 12سېنىڭ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنى بويىچە باشقۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ خۇدا ساڭا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلسۇن. 13ئەگەر سەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمان ۋە تۈزۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلساڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن. سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول. ھەرگىز قورقما ھەم چۈشكۈنلەشمە.

14قارا ئوغلۇم، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن ئۈچ مىڭ بەش يۈز توننا ئالتۇن، 35 مىڭ توننا كۈمۈش، ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ۋە تۆمۈر تەييارلىدىم. مەن يەنە ياغاچ ۋە تاش ماتېرىياللارنىمۇ تەييارلىدىم. لېكىن سەن تېخىمۇ كۆپەيتىشىڭ كېرەك. 15سېنىڭ نۇرغۇن ئىشچىلىرىڭ، يەنى تاشچى، تامچى ۋە ياغاچچى ماھىر ئۇستىلىرىڭ بار. 16يەنە ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ماھىر ھۈنەرۋەنلىرىڭ بار. قېنى، ھازىرلا ئىشنى باشلىغىن. پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن.

17داۋۇت يەنە ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا: «ئوغلۇم سۇلايمانغا ياردەم قىلىڭلار» دەپ ئەمر قىلىپ، مۇنداق دېدى:

18_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەر بىلەن بىللىدۇر. سىلەرگە ھەر تەرەپتىن تىنچلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى بۇ يەردە ياشىغان يات خەلقلەرنى مېنىڭ ئىلكىمگە تاپشۇرغانىدى. ئۇلار ئەمدى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا بولىدۇ. 19ھازىردىن باشلاپ سىلەر پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپىگە ئاتالغان ئىبادەتخانىنى ياساشنى باشلاڭلار. شۇنداق قىلغاندىلا ئەھدە ساندۇقى ۋە خۇداغا تەۋە مۇقەددەس نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويالايسىلەر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى