« تارىخلار بىرىنچى قىسىم »

11

داۋۇتنىڭ پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشى

1شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھىبرونغا كېلىپ، داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلدى. ئۇلار داۋۇتقا:

_ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز. 2بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولغان ۋاقتىدىمۇ، سىلى ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگارلىرى بولغان خۇدامۇ سىلىگە: «سەن خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باشچى بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېدى.

3شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دەپ، ئەھدە تۈزدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىل ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلدى.

داۋۇت پادىشاھنىڭ يېرۇسالېمنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشى

4داۋۇت پادىشاھ ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېم شەھىرىگە كەلدى. ئۇ چاغدا يېرۇسالېم يىبۇس دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ خەلقى يىبۇسلار ئىدى. 5يىبۇسلار داۋۇتقا:

_ سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، _ دېدى.

(كېيىن، داۋۇت سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.)

6داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە:

_ كىمكى بىرىنچى بولۇپ يىبۇسلارغا ھۇجۇم قىلسا، شۇ ئادەم لەشكەرلىرىمنىڭ بېشى ۋە سەركەردىسى بولىدۇ، _ دېدى.

مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلىپ، لەشكەرلەرنىڭ بېشى بولدى.

7شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ قەلئە «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتالدى. 8داۋۇت شەھەرنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە كېڭەيتىپ قۇردى. شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب تۈزەتتى. 9داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى.

داۋۇتنىڭ باھادىرلىرى

10تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار ئىدى. ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ھەققىدە ئېيتقان سۆزى بويىچە داۋۇتنى پادىشاھ قىلغانلار ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلەردۇر.

11داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچىسى خاكمونىلىق ياشوبئام بولۇپ، ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ.

12«ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋاخ ئۇرۇقىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى. 13فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن پاسداممىمغا يىغىلغاندا، ئۇ داۋۇت بىلەن بىرگە ئارپىلىقتا بولۇپ، ئىسرائىل لەشكەرلىرى بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەردىن قېچىپ كېتىدۇ. 14داۋۇت بىلەن ئەلئازار بولسا ھېلىقى ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىۋېتىدۇ ۋە ئېتىزلىقنىمۇ قوغداپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ.

15-16بىر قېتىم داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدا «ئوتتۇز باھادىر» دەپ ئاتالغان باھادىرلاردىن «ئۈچ باھادىر» داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارنىڭ ئەتراپىدىكى قورام تاشنىڭ يېنىغا بارىدۇ. داۋۇت تاغدىكى شۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى. بۇ چاغدا فىلىستىيەلىك لەشكەرلەرنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافائىم جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ، يەنە بىر قىسىم فىلىستىيەلىكلەر بولسا بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ. 17داۋۇت تەشنالىق بىلەن:

_ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ.

18ھېلىقى «ئۈچ باھادىر» فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئېلىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىماي، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكۈۋېتىدۇ، ھەمدە:

19_ خۇدايىم مېنى بۇ سۇنى ئىچىشتىن ساقلىغايسەن. بۇ سۇ، ھاياتىنى ئۆلۈمگە تىكىپ قويۇپ، سۇ ئالغىلى بارغان «ئۈچ باھادىر»نىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ _ دەيدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك سۇنى ئىچىشتىن باش تارتىدۇ.

مانا بۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقلىرىدۇر. 20يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ نەيزىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. 21ئۇ «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى.

22يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ كۈچلۈك لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئۇ ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ. 23ئۇ يەنە بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بولۇپ، نەيزىسىنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. بىنايا مىسىرلىقنىڭ يېنىغا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. 24بۇلار يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانىڭ قىلغان ئىشلىرىدۇر. شۇڭا ئۇمۇ «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. 25ئۇنىڭ داڭقى «ئوتتۇز باھادىر»نىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. داۋۇت بىنايانى ياساۋۇللار باشلىقى قىلىدۇ.

26تۆۋەندىكىلەرمۇ داۋۇتنىڭ باھادىرلىرىدىن ئىدى:

يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل،

دودونىڭ ئوغلى بەيتلەھەملىك ئەلخانان،

27ھارورلۇق شامموت،

پېلونلۇق خەلەز،

28ئىققېشنىڭ ئوغلى تىقوۋالىق ئىرا،

ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر،

29خۇشاھلىق سىببىكاي،

ئاخوۋاخلىق ئىلاي،

30نىتوفالىق ماھراي،

بائانانىڭ ئوغلى نىتوفالىق خېلەد،

31بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گىبئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتاي،

پىرئاتونلۇق بىنايا،

32گائاش سايلىقىدىن كەلگەن خۇراي،

ئارابالىق ئابىئېل،

33باخۇرىملىق ئازماۋەت،

شائالبىملىق ئەلياخبا،

34گىزونلۇق ھاشېمنىڭ ئوغۇللىرى،

شاگېنىڭ ئوغلى ھارارلىق يوناتان،

35ساكارنىڭ ئوغلى ھارارلىق ئاخىئام،

ئۇرنىڭ ئوغلى ئېلىفال،

36مىكېرالىق خېفەر،

پېلونلۇق ئاخىيا،

37كارمەللىك خەزرو،

ئەزبانىڭ ئوغلى نائاراي،

38ناتاننىڭ ئىنىسى يوئېل،

ھاگرىنىڭ ئوغلى مىبخار،

39ئاممونلاردىن بولغان زەلەق،

بەئەروتلۇق ناخراي (ناخراي زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)،

40يىترىلاردىن بولغان ئىرا بىلەن گارېب،

41خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا،

ئاخلاينىڭ ئوغلى زاباد،

42شىزانىڭ ئوغلى ھەمدە رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يېتەكچىسى بولغان ئادىنا ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇز لەشكىرى،

43مائاكانىڭ ئوغلى خانان،

مىتانلىق يوشافات،

44ئاشتاروتلۇق ئۇززىيا،

ئاروئېرلىق خوتامنىڭ ئوغۇللىرى شاما بىلەن يىئىئېل،

45شىمرىنىڭ ئوغلى يىدىئائېل بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى تىزلىق يوخا،

46ماخاۋىلىق ئەلىئېل،

ئەلنائامنىڭ ئوغۇللىرى يىرىبا بىلەن يوشاۋيا،

موئابلىق يىتماھ،

47ئەلىئېل، ئوبېد ۋە مىزوبايالىق يائاسىئېل.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى