« پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم »

12

شىمالىي قەبىلىلەرنىڭ ئۆكتە قوپۇشى

1شىمالدىكى بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى. 2نىباتنىڭ مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئوغلى ياروبئام بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، مىسىردىن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلدى. (ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ۋاقتىدا سۇلايماندىن قېچىپ، مىسىرغا كەتكەنىدى.) 3شىمالدىكى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرى ياروبئامنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە رىخوبئامنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا:

4_ ئاتىلىرى سۇلايمان پادىشاھ بىزگە ئېغىر بويۇنتۇرۇق سالغانىدى. ئەمدى بىز سىلىدىن ئاتىلىرى بىزگە سالغان ئېغىر ئالۋان-ياساق ۋە بويۇنتۇرۇقلارنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. شۇنداق قىلسىلا، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، _ دېيىشتى.

5_ سىلەر ھازىرچە قايتىپ كېتىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىڭلار، _ دېدى رىخوبئام. شۇنىڭ بىلەن خەلق قايتىپ كېتىشتى.

6رىخوبئام پادىشاھ ئاتىسى سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمىتىنى قىلغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ:

_ بۇ خەلققە قانداق جاۋاب بېرەي، _ دېدى.

7_ ئەگەر سىلى بۈگۈن بۇ خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارغا ياخشى گەپلەرنى قىلسىلا، ئۇلار مەڭگۈ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى مويسىپىتلار.

8لېكىن رىخوبئام مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل كۆرمەي، ئۆزى بىلەن بىللە چوڭ بولغان، ئۆز ھۇزۇرىدا خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن:

9_ خەلق ماڭا: «ئاتىلىرى بىزگە سالغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. بۇ خەلققە قانداق جاۋاب بەرسەك بولار؟ سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلار قانداق؟ _ دەپ سورىدى.

10ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە چوڭ بولغان ياشلار ئۇنىڭغا:

_ بۇ خەلق ئۆزلىرىگە: «ئاتىلىرى بىزنىڭ بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنىدى، لېكىن سىلىنىڭ ئۇنى يېنىكلىتىپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دەپتۇ. ئەمدى سىلى ئۇلارغا: «مېنىڭ چىمچىلىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىنمۇ توم! 11ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇق سالغان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ساۋىغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن» دېسىلە، _ دەپ جاۋاب بەردى.

12رىخوبئام پادىشاھنىڭ «ئۈچ كۈندىن كېيىن كېلىپ، مەن بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دېگىنى بويىچە، ياروبئام خەلق بىلەن بىللە ئۈچىنچى كۈنى رىخوبئام پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. 13رىخوبئام پادىشاھ كۆپچىلىككە كەسكىن جاۋاب بەردى. ئۇ مويسىپىتلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتىگە پىسەنت قىلماي، 14بەلكى ياشلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا:

_ ئاتام سىلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى ئېغىرلاتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ساۋىغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن! _ دېدى.

15شۇنداق قىلىپ رىخوبئام پادىشاھ ئاممىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە قۇلاق سالمىدى. بۇ ئىش بىلەن پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئېيتقان گېپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول ھازىرلىدى.

16شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار رىخوبئام پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:

«يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق،

ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق.

ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!

ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار!» دېيىشىپ، ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

17(ئەمما رىخوبئام يەھۇدا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان شىمالدىن كەلگەن ئىسرائىللارغا يەنىلا پادىشاھ بولۇپ قېلىۋەردى.) 18رىخوبئام پادىشاھ ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورامنى شىمالىي قەبىلىلەردىن بولغان ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا ئەۋەتكەنىدى، ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. رىخوبئام پادىشاھ ئالدىراپ-تېنەپ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قېچىپ كەتتى. 19شۇنىڭدىن تارتىپ شىمالدىكى ئىسرائىللار تاكى ھازىرغىچە داۋۇت خانىدانلىقى بىلەن قارشىلىشىپ كەلدى.

20شىمالدىكى ئىسرائىللار ياروبئامنىڭ مىسىردىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى كېڭەشكە چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە، يەنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەشتى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا، ھېچكىم داۋۇت خانىدانلىقىغا ئەگەشمىدى.

21سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىمالدىكى ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىدىن 180 مىڭ سەرخىل لەشكەرنى توپلىدى. 22بىراق خۇدا ئۆز پەيغەمبىرى شىماياغا مۇنداق دېدى:

23_ سەن بېرىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىگە، ھەم باشقىلارغا: 24«پەرۋەردىگار: ‹سىلەر قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىقساڭلار بولمايدۇ. ھەممىڭلار ئۆيۈڭلەرگە قايتىڭلار! چۈنكى بۇ ئىش مەندىن بولدى› دەيدۇ» دېگىن.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.

ياروبئامنىڭ ئىسرائىللارنى بۇتپەرەسلىككە باشلىشى

25ياروبئام پادىشاھ ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان بولدى. كېيىن ئۇ پىنۇئېل شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ شەھەرنىمۇ مۇستەھكەملەتتى. 26-27ياروبئام پادىشاھ ئىچىدە: «ئەگەر بۇ خەلق قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىۋېرىدىغان بولسا، بۇلارنىڭ كۆڭلى كونا ھۆكۈمرانى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا مايىل بولۇپ كېتىشى ۋە مېنى ئۆلتۈرۈپ، قايتىدىن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ پادىشاھلىق يەنە باشقىدىن داۋۇت ئەۋلادلىرىنىڭ ئىلىكىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىدى. 28شۇنىڭ بىلەن ياروبئام پادىشاھ بۇ ھەقتە مەسلىھەتچىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئالتۇندىن ئىككى موزاينىڭ ھەيكىلىنى ياسىتىپ، خەلققە:

_ ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشىڭلار ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىكتۇر. قاراڭلار، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىڭلار مانا شۇلار! _ دېدى.

29ئۇ موزاي ھەيكىلىنىڭ بىرىنى بەيتەلگە، بىرىنى دانغا قويغۇزدى. 30بۇ ئىش ئىسرائىللارنى گۇناھقا باشلىدى، ئۇلار ھەتتاكى يىراقتىكى دانغا بېرىپ، موزايغا چوقۇنىدىغان بولدى. 31ياروبئام پادىشاھ بۇتخانىلارنى سېلىپ، لاۋىينىڭ ئەۋلادىدىن بولمىغان خەلقتىن كىم كەلسە شۇنى روھانىيلىققا قويىۋەردى.

بەيتەلدىكى بۇتپەرەسلىكنىڭ ئەيىبلىنىشى

32ياروبئام پادىشاھ يەنە 8-ئاينىڭ* 15-كۈنىنى يەھۇدىيەنىڭ ھېيتىغا ئوخشاش ھېيت قىلىپ بەلگىلەپ، شۇ كۈنى بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا بېرىپ، ئۆزى ياساتقان ئالتۇن موزايلارغا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلدى. بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان بۇتخانىلارغا روھانىيلارنى تۇرغۇزدى. 338-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆز مەيلىچە ئىسرائىللارنىڭ ھېيتى قىلىپ بەلگىلىگەن كۈنى بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىسرىق سېلىشقا تەييارلىق قىلدى.



*328-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى