يەھيا ئەلەيھىسسالام ۋە ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 3- باب

1شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چۆللۈك رايونلىرىغا كېلىپ تەلىم بېرىپ، 2كىشىلەرگە:

_ يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! _ دېدى. 3چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر تىلغا ئالغان كىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن:

«باياۋاندا بىر كىشى:

‹دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار!

ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!› دەپ توۋلايدۇ.»

4يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. 5يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە ئىئوردان دەريا ۋادىلىرىدىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، 6گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.

7پەرىسىي ۋە سادۇقىي ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا:

_ ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟! 8ئەگەر: «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار. 9ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. 10پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. 11مەن سىلەرنى قىلغان توۋاڭلار ئۈچۈن سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. 12ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، _ دېدى.

13شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلدى. 14بىراق، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي:

_ سېنىڭ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگىنىڭ نېمىسى! مەن چۆمۈلدۈرۈشنى ئەسلى سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدىغۇ؟ _ دېدى.

15لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن:

_ ھازىر مۇشۇنداق بولسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىز توغرىدۇر، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە قوشۇلدى. 16ھەزرىتى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ سۇدىن چىقىشىغا، ئاسمان يېرىلدى. ئۇ خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 17ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

29ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:

_ مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر! 30مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى» دېگەنىدىم. مانا بۇ دەل مەن تىلغا ئالغان ئاشۇ كىشىدۇر! 31مەن بۇرۇن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەممۇ، بۇ قۇتقۇزغۇچى ئىسرائىللارغا ئايان بولسۇن دەپ، سىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم. 32يەھيا پەيغەمبەر يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ مەن خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم. 33مەن ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدىم. بىراق، مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكەن خۇدا ماڭا: «سەن خۇدانىڭ روھىنىڭ چۈشۈپ، بىرىنىڭ ئۈستىگە قونىدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇ، كىشىلەرنى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈلدۈرىدىغان قۇتقۇزغۇچىدۇر!» دېگەنىدى. 34ھازىر راستتىنلا بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەكسىز خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن! [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى