1ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا:
_ سىلەرگە مەلۇمكى،2ئىككى كۈندىن كېيىن بولىدىغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا ئىنسانئوغلى كرېستكە مىخلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ، _ دېدى.
3ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى قاياپا ئىسىملىك باش روھانىينىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى.4ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ھىيلە بىلەن تۇتۇپ ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەت قىلىشتى.
[داۋامى]
14شۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىدىن يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك بىرى ئالىي روھانىيلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
15_ ئەيسانى تۇتۇپ بەرسەم، ماڭا نېمە بېرىسىلەر؟ _ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە بەردى.16يەھۇدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى.
[داۋامى]