پۇلغا بولغان ھەۋەس

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 19- باب

16بىر كۈنى، بىر يىگىت ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئۇستاز، مەن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلسام، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ _ دەپ سورىدى.

17ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ياخشىلىق توغرىسىدا نېمىشقا مەندىن سورايسىز؟ ياخشى بولغۇچىدىن پەقەت بىرىلا بار. مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئادا قىلىڭ، _ دېدى.

18_ قايسى ئەمرلەرنى دەيسىز؟ _ دەپ سورىدى ھېلىقى يىگىت.

ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، 19ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىل ۋە قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.

20_ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇلاردىن باشقا يەنە نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟ _ دەپ سورىدى يىگىت.

21ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر كەم-كۈتىسىز بولۇشنى خالىسىڭىز، بېرىپ بارلىق مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ، _ دېدى.

22بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يىگىت قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى. 23ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، بايلارنىڭ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تەس. 24يەنە شۇنى ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس! _ دېدى.

25بۇنى ئاڭلىغان شاگىرتلار بەكمۇ ھەيران بولۇشۇپ:

_ ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

26ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ:

_ بۇ، ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، لېكىن خۇدا ھەممىگە قادىردۇر، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 4- باب

18يەنە بەزى كىشىلەر بولسا تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلارغا تەمسىل قىلىنغان. 19ئۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 8- باب

36بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! 37نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟! [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 6- باب

6دەرۋەقە، خۇداغا رازىمەنلىك بىلەن ئىخلاسمەن بولغان ئادەم ھەقىقىي روناق تاپىدۇ. 7بىز بۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدۇق ۋە بۇ دۇنيادىن ھېچنېمە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. 8شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىكىمىز تولۇق بولسىلا، رازى بولۇشىمىز كېرەك. 9باي بولۇشنىلا ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلار ئىنسانلارنى قۇرۇتۇپ ھالاك قىلىدىغان نۇرغۇن زىيانلىق ھەم ئەخمىقانە ھەۋەسلەرنىڭ تورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. 10چۈنكى، پۇلپەرەسلىك ھەر خىل يامانلىقنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر باي بولۇش ھەۋىسى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزىگە تۈگىمەس ئازاب تېپىۋالدى.

11ئەي خۇدانىڭ سادىق بەندىسى، سەن بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇر. ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۇلايىملىقنى ئىزدە. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 5- باب

1ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا كېلىدىغان پالاكەتلەر ئۈچۈن داد-پەرياد قىلىپ يىغلاڭلار. 2بايلىقىڭلار چىرىپ كېتىدۇ، كىيىم-كېچىكىڭلارنى كۈيە يەپ كېتىدۇ، 3ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلارنى بولسا ھامان دات باسىدۇ. بۇ دات قىيامەت كۈنىدە شەخسىيەتچىلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ، دوزاختا كۆيۈشۈڭلارغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، سىلەر بۇ ئاخىر زاماندا بايلىق توپلاش بىلەنلا بولۇپ كېتىۋاتىسىلەر. 4سىلەر ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىش-ھەقلىرىگە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ كەلدىڭلار. ئۇلار ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرگە ھوسۇل يىغىپ بېرىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاھ-زارى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قۇلىقىغا يەتتى. 5سىلەر بۇ دۇنيادا باياشات ۋە ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشاۋاتىسىلەر. قويلار بوغۇزلىنىدىغان كۈنگە قەدەر بوردالغانغا ئوخشاش، سىلەرمۇ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۆزۈڭلارنى بورداۋاتىسىلەر. 6سىلەرگە قارشى چىققۇدەك كۈچىمۇ بولمىغان گۇناھسىز كىشىلەرنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى