يۇنۇس ئەلەيھىسسالام

تەۋرات، « يۇنۇس » 1- باب

1بىر كۈنى ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

_ سەن نىنەۋى دېگەن بۈيۈك شەھەرگە دەرھال بېرىپ، ئۇ شەھەردىكىلەرگە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ماڭا يېتىپ كەلدى!

3لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن شۇئان قارشى يۆنىلىشكە ماڭدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، ئىسپانىيەگە بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى ۋە كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىللە ئىسپانىيەگە بارماقچى بولدى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « يۇنۇس » 1- باب

6كېمە باشلىقى يۇنۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ سەن نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ تۇر، ئىلاھىڭغا يالۋۇر! بەلكىم ئۇنىڭ بىزگە نەزىرى چۈشەر، شۇنداق بولسا ھالاك بولمايمىز، _ دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « يۇنۇس » 1- باب

15ئاندىن كېيىن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىزغا تاشلىغانىدى، بوران شۇئان بېسىلدى. 16كېمىچىلەر بۇ ۋەقەنى كۆرگەچكە پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقۇشۇپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشتى ۋە قەسەملەر بېرىشتى.

17پەرۋەردىگار يوغان بىر بېلىقنى يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز قالدى. [داۋامى]

تەۋرات، « يۇنۇس » 3- باب

4يۇنۇس شەھەرگە كىرىپ، بىر كۈنلۈك يولنى ماڭغاندىن كېيىن:

_ قىرىق كۈندىن كېيىن نىنەۋى شەھىرى خاراب قىلىنىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى.

5بۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشنى قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسى يۇقىرى-تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى چىگە رەختكە يۆگىنىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

39ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ ئوسال ۋە ۋاپاسىز كىشىلەر كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدۇ. بىراق، سىلەرگە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كارامىتىدىن باشقا كۆرسىتىلىدىغان ئىككىنچى كارامەت يوق. 40يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بىر بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز قانداق تۇرغان بولسا، ئىنسانئوغلىمۇ يەرنىڭ باغرىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز شۇنداق تۇرىدۇ. 41قىيامەت كۈنى نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلقمۇ قوپۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق، بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى