قوشنىدارچىلىق

« زەبۇر » 15- مۇناجات

1ئى پەرۋەردىگار، كىم كىرەلەر مۇقەددەس چېدىرىڭغا،

كىم ساڭا ئىبادەت قىلالار مۇقەددەس سىئون تېغىڭدا؟

2ئىبادەت قىلالار ئۇ يەردە:

توغرا يولدا ماڭىدىغانلار،

ھەققانىي ئىش قىلىدىغانلار،

ھەقىقەتنى چىن دىلىدىن سۆزلەيدىغانلار،

3باشقىلارغا قارا چاپلىمايدىغانلار،

دوستىغا يامانلىق قىلمايدىغانلار،

قوشنىسىغا ھاقارەت قىلمايدىغانلار. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 20- باب

13قاتىللىق قىلما.

14زىنا قىلما.

15ئوغرىلىق قىلما.

16يالغان گۇۋاھلىق بەرمە.

17باشقىلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئەر-خوتۇنى، قۇللىرى، كالا ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 15- باب

17ئۆچ-ئاداۋەت ئىچىدە بوردىغان مالنىڭ گۆشىنى يېگەندىن كۆرە،

ئەۋزەلدۇر كۆكتات يېگەن مېھىر-مۇھەببەت ئىچرە. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 17- باب

9مۇھەببەتنى چىڭايتار گۇناھنى كەچۈرگۈچى،

يېقىن دوستىدىن ئايرىلار كونا خاماننى سورىغۇچى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 27- باب

10ئۆز دوستۇڭ ھەم ئاتاڭنىڭ دوستىنى تاشلىما،

بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە تۇغقىنىڭنىڭ ئۆيىگە بارما.

ئەلادۇر يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 27- باب

14كىمكى تاڭ سەھەردە ۋارقىراپ قوشنىسىدىن ئامانلىق سورىسا،

بۇ قارغىغاندەك ئاڭلىنار قوشنىسىغا. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 7- باب

12باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

28ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلىغان ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ پۈتۈن ئەمرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى قايسى؟ _ دەپ سورىدى.

29ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەڭ مۇھىمى شۇكى، «ئاڭلىغىن ئەي ئىسرائىللار! پەرۋەردىگارىمىز بولغان خۇدا بىردىنبىر خۇدادۇر. 30پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن.» 31يەنە بىر ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.» مانا بۇلاردىن مۇھىم ئەمر يوق.

32_ توغرا ئېيتتىڭىز، ئۇستاز، _ دېدى تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيساغا، _ «خۇدا بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر» دېگىنىڭىز دۇرۇس. 33ئىنساننىڭ خۇدانى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەردىنمۇ مۇھىمدۇر.

34ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ ئاقىلانە جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ:

_ سىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن يىراق ئەمەسسىز، _ دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ھېچكىم سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

27_ قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۆچمەنلىك قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. 28سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار. سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. 29بىرسى سىلەرنىڭ ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ چاپىنىڭلارنى ئېلىپ كەتسە، كۆڭلىكىڭلارنىمۇ سېلىپ بېرىڭلار. 30بىرسى سىلەردىن بىرنېمە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلارنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىماڭلار. 31باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار.

32ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. 33ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 34ئەگەر سىلەر قەرزنى قايتۇرالايدىغانلارغىلا بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ! 35ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ. 36ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 15- باب

1ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماستىن، ئېتىقادى ئاجىز قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. 2ھەربىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشىمىز كېرەك. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

8مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغاندىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچقانداق قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى، باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ. 9«زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېگەن پەرزلەر ۋە بۇنىڭدىن باشقا بارلىق پەرزلەر «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان. 10باشقىلارنى سۆيگەن كىشى ئۇلارغا يامانلىق قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 5- باب

13قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار. 14چۈنكى، پۈتۈن تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە يىغىنچاقلانغان. 15لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يۈرسەڭلار، ئۆزۈڭلارنىمۇ ۋەيران قىلىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 6- باب

7ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىغان بىلەن، خۇدانى ئالدىيالمايسىلەر. كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ. 8ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۇنىڭدىن ھالاكەت ھوسۇلى ئالىدۇ. مۇقەددەس روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ھايات ھوسۇلى ئالىدۇ. 9شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز. 10شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرسەت بولسىلا، باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 2- باب

8مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بۇ قانۇنىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. 9لېكىن، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ ئاشۇ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدىڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى