سوئال

تەۋرات، « سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم » 5- باب

1شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسى ھىبرونغا كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلدى. ئۇلار داۋۇتقا:

_ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز. 2بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگارمۇ سىلىگە: «سەن خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باشچى بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېدى.

3شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دەپ، ئەھدە تۈزدى. ئۇلار داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلدى. 4داۋۇت تەختكە ئولتۇرغان چېغىدا ئوتتۇز ياش ئىدى، ئۇ قىرىق يىل تەختتە ئولتۇردى. 5ئۇ ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە يەتتە يېرىم يىل، يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ئوتتۇز ئۈچ يىل پادىشاھ بولدى. [داۋامى]

تەۋرات، « سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم » 23- باب

1يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنى خۇدا يۈكسەك قىلغاندۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تاللاپ پادىشاھ قىلغاندۇر. ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سۆيۈملۈك مۇناجاتچىسىدۇر. داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

2پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆزلىدى،

مېنىڭ تىلىمدىدۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى.

3ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سۆزلىدى،

يەنى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاش ماڭا شۇنداق دەيدۇكى:

«خەلقنى ئادالەت بىلەن باشقۇرغۇچى،

خۇدادىن ئەيمىنىپ ھۆكۈم سۈرگۈچى،

4ئوخشار خۇددى بۇلۇتسىز سەھەردىكى يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا،

ئوخشار خۇددى يامغۇردىن كېيىن ئوت-چۆپلەرنى پارقىراتقان قۇياشقا.»

5مېنىڭ جەمەتىم خۇدا ئالدىدا ئەنە شۇنداق ئەمەسمۇ؟

مەن بىلەن خۇدا مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزمىگەنمۇ؟

بۇ ئەھدە تولۇق رەتلەنگەن بولۇپ، ئىشەنچلىكتۇر.

ئۇ مېنى ئازاد قىلار، ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يەتكۈزەر. [داۋامى]

« زەبۇر » 23- مۇناجات

1قويچىمدۇر پەرۋەردىگار، باقار ئۇ مېنى،

كۆرمەسمەن شۇڭا مەن ھېچ موھتاجلىقنى.

2يايلىتار ئۇ مېنى ياپيېشىل يايلاقلاردا،

باشلاپ بارار شىلدىرلىغان سۇلار بويىغا.

3ئۇرغۇتار روھىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا،

شەرىپى ئۈچۈن باشلار مېنى ھەققانىيەت يولىدا.

4ئۆتسەممۇ گەر ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇرغان جىلغىلاردىن،

ئۆزۈڭ ماڭا يار بولغاچ قورقماسمەن خەتەرلەردىن،

ھاساڭ بىلەن تايىقىڭ خالاس قىلار تەشۋىشلەردىن.

5دۈشمەنلىرىم ئالدىدا داستىخان سېلىپ ماڭا،

ئەزىزلەپ مېنى ياغ سۈركەرسەن بېشىمغا،

بەخت شارابىم تولۇپ تاشار ھايات جامىمغا.

6بەرھەق، شاپائەت ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ،

ھەمراھ بولار ئۆمۈرۋايەت ياندىشىپ ماڭا،

مەڭگۈ ياشايمەن پەرۋەردىگار ھۇزۇرۇڭدا. [داۋامى]

« زەبۇر » 26- مۇناجات

1ئى پەرۋەردىگار، ئاقلىغىن مېنى،

ساقلاپ كەلدىم دىيانىتىمنى،

تايانچىم قىلدىم پەقەت سېنى.

2ئى پەرۋەردىگار، سىناپ كۆر، كۆزەت مېنى،

پاكلىغىن مېنىڭ نىيەت، قەلبىمنى.

3ئايان بولغاچ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ كۆز ئالدىمدا،

مېڭىپ كەلدىم سەن كۆرسەتكەن ھەقىقەت يولۇڭدا.

4شېرىك ئەمەسمەن يالغانچىلارغا،

ئارىلاشمايمەن ساختىپەزلەرگە.

5يىرگىنىمەن پاسىقلاردىن،

رەزىللەر بىلەن بولمايمەن بىرگە.

6ئى پەرۋەردىگار، پاك قەلبتە يۇيارمەن قوللىرىمنى،

ئايلىنارمەن ئاندىن سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭنى.

7شۈكۈر ئېيتاي كۆتۈرۈپ ئاۋازىمنى،

بايان ئەيلەپ سېنىڭ بارلىق كارامەتلىرىڭنى.

8ئى پەرۋەردىگار، سۆيىمەن سەن تۇرغان ئىبادەتخانىنى،

شەۋكىتىڭ نامايان بولغان جاينى.

9گۇناھكارلار قاتارى ئالمىغىن جېنىمنى،

قانخورلار قاتارى ھاياتىمنى.

10پارىغا تولۇپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرى،

سۇيىقەست بىلەن بۇلغانغاندۇر قوللىرى.

11مەن بولسام يوقاتمىدىم دىيانىتىمنى،

ئىلتىپات قىلىپ، قۇتقۇز مېنى.

12پۇتلىرىم تۇرار مېنىڭ بىخەتەر يەردە،

تەرىپلەيمەن پەرۋەردىگارنى تەقۋادارلار جامائىتىدە. [داۋامى]

« زەبۇر » 32- مۇناجات

1نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە،

گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغانلار،

ئىتائەتسىزلىكى ئەپۇ قىلىنغانلار.

2نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە،

خۇدا گۇناھلىرىنى ساقىت قىلغانلار،

كۆڭۈللىرىدە ھىيلە-مىكىر بولمىغانلار.

3ئىقرار بولماي گۇناھلىرىمغا،

يۈردۈم كۈنبويى ئاھ ئۇرۇپ،

چىرىدى ئۇستىخانلىرىم ئازابتا.

4ئى پەرۋەردىگار، كېچە-كۈندۈز جازالىشىڭ ئېغىر كەلدى ماڭا،

ئىلىكلىرىم قۇرۇپ كەتتى، قۇرۇپ كەتكەن سۇ كەبى تومۇزدا. سېلاھ

5ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى،

تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى.

دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»،

خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. سېلاھ

6شۇڭا دۇئا قىلسۇن ساڭا،

تەقۋادارلار پۇرسىتىنىڭ بارىدا.

دېڭىز-ئوكيان تاشقىن بولۇپ تاشسىمۇ ناۋادا،

شۈبھىسىزكى، تاشقىنلىرى يېتىپ بارالماس ئۇلارغا.

7ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ پاناھگاھىمدۇرسەن،

ساقلايسەن كۈلپەتتىن مېنى،

ياڭرار ئەتراپىمدا نىجاتلىق ناخشىلىرى. سېلاھ

8ئەقىل-ئىدراك بېرىپ ساڭا كۆرسىتىمەن يولۇڭنى،

ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ ئۆگىتىمەن يولۇمدا مېڭىشنى.

9ئات ياكى قېچىردەك ئاڭسىز بولما،

قامچا، يۈگەن بولمىسا بويسۇنماس ئۇلار ساڭا.

10دەرد-ئەلەملەر كېلەر يامانلارنىڭ بېشىغا،

پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى قۇچاق ئاچار ئۇنىڭغا تايانغانلارغا.

11ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولۇپ شادلىنىڭلار،

ئەي قەلبى پاكلار، شادلىقتىن ئالقىش ياڭرىتىڭلار. [داۋامى]

تەۋرات، « سامۇئىل بىرىنچى قىسىم » 16- باب

12يىشاي ئادەم ئەۋەتىپ داۋۇتنى چاقىرىپ كەلدى. داۋۇت كۆزلىرى يېنىپ تۇرىدىغان، ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن بىر يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار: «دەل مۇشۇ، بېرىپ ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇي!» دېدى. 13سامۇئىل مۈڭگۈزدىكى زەيتۇن يېغىنى ئېلىپ، ئاكىلىرى ئالدىدا ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى. شۇ كۈندىن تارتىپ پەرۋەردىگارنىڭ روھى داۋۇتقا كۈچلۈك چۈشۈشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتىپ كەتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « سامۇئىل بىرىنچى قىسىم » 17- باب

45_ سەن نەيزە-قىلىچ بىلەن ماڭا قارشى كەلدىڭ، _ دېدى داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىككە، _ لېكىن مەن بولسام سەن ھاقارەتلەپ تۇرغان ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ خۇداسى _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ساڭا قارشى كەلدىم. 46مانا بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ، سېنى ئۆلتۈرۈپ، كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن، شۇنداقلا فىلىستىيەلىك لەشكەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ھاۋادىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا ۋە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمدىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. 47يەنە بۇ يەرگە يىغىلغان ھەممەيلەن شۇنى بىلىدۇكى، پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشتا قىلىچ بىلەن نەيزىگە تايانمايدۇ، ئۇ جەڭدە شۈبھىسىز غالىب كەلگۈچىدۇر، ئۇ سىلەرنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر