سوئال

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

24تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار،

ھۇرۇن ئالۋانغا تۇتۇلار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

27ھۇرۇن ھەتتا ئېرىنەر پىشۇرۇشقا ئوۋلىغان ئوۋنى،

تىرىشچانلىق بولسا ئادەمنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 13- باب

4ئېرىشەلمەس ھۇرۇنلار كۆڭلى خالىغان ھەر قانداق نەرسىگە،

ئېرىشەر تىرىشچانلار بارلىق ئارزۇسىغا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 21- باب

25ھالاك قىلار ئۆزىنى ھۇرۇننىڭ تەمەسى،

چۈنكى ئىشقا بارماس ئۇنىڭ قولى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 14- باب

23كېلەر ھەربىر مېھنەتتىن پايدا،

قالدۇرار قۇرۇق پاراڭ ئادەمنى موھتاجلىقتا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 10- باب

4نامرات بولار قول قوشتۇرۇپ ئولتۇرغانلار،

بايلىق كەلتۈرەر ئۆز قولى بىلەن ئىشچانلار. [داۋامى]

باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 7- باب

1_ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. 2چۈنكى، سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ. 3نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟! 4ئۆزۈڭدە شۇنچە چوڭ گۇناھ تۇرۇقلۇق، بۇرادىرىڭگە: «كۆزۈڭدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەي!» دېگىنىڭ قانداق گەپ؟ 5ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت. بۇنىڭ بىلەن، ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەلەيسەن. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر