سوئال

« زەبۇر » 37- مۇناجات

21قەرز ئېلىپ قايتۇرمايدۇ رەزىللەر،

ھەققانىيلار شەپقەت بىلەن ساخاۋەت قىلار. [داۋامى]

« زەبۇر » 112- مۇناجات

5ساخاۋەتلىك، مەرد ئادەم بەختلىك بولار،

ئادىل ئىش قىلىدىغانلار روناق تاپار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 28- باب

8جازانىخورلۇق بىلەن بايلىقىنى كۆپەيتكەن كىشىنىڭ بايلىقى،

كەمبەغەللەرگە ساخاۋەت قىلغۇچى ئۈچۈن قالار ئاخىرى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

38_ سىلەر «قانغا قان، جانغا جان» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. 39لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. بىرسى ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار. 40بىرسى ئۈستۈڭلاردىن دەۋا قىلىپ، كۆڭلىكىڭلارنى ئالماقچى بولسا، چاپىنىڭلارنىمۇ سېلىپ بېرىڭلار. 41مۇبادا بىرى سىلەرگە يۈك-تاقىسىنى يۈدۈتۈپ بىر چاقىرىم يول يۈرۈشكە زورلىسا، يەنە بىر چاقىرىم ئارتۇق يول يۈرۈپ بېرىڭلار. 42بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە ئارىيەت سورىسا، ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

32ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. 33ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 34ئەگەر سىلەر قەرزنى قايتۇرالايدىغانلارغىلا بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ! 35ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ. 36ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر