سوئال

« زەبۇر » 32- مۇناجات

1نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە،

گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغانلار،

ئىتائەتسىزلىكى ئەپۇ قىلىنغانلار.

2نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە،

خۇدا گۇناھلىرىنى ساقىت قىلغانلار،

كۆڭۈللىرىدە ھىيلە-مىكىر بولمىغانلار.

3ئىقرار بولماي گۇناھلىرىمغا،

يۈردۈم كۈنبويى ئاھ ئۇرۇپ،

چىرىدى ئۇستىخانلىرىم ئازابتا.

4ئى پەرۋەردىگار، كېچە-كۈندۈز جازالىشىڭ ئېغىر كەلدى ماڭا،

ئىلىكلىرىم قۇرۇپ كەتتى، قۇرۇپ كەتكەن سۇ كەبى تومۇزدا. سېلاھ

5ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى،

تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى.

دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»،

خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. سېلاھ [داۋامى]

« زەبۇر » 51- مۇناجات

1رەھىمىڭنى ئىلتىپات ئەيلىگەيسەن، ئى خۇدا،

چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بار سەندە.

كەچۈرگەيسەن مېنىڭ قىلغان گۇناھىمنى،

چەكسىز رەھىمدىللىك خىسلىتىڭدە.

2پاكلىغايسەن ئەتمىشىمدىن ئىگەم مېنى،

يۇيۇپ پاكىز مېنىڭ بارلىق گۇناھىمنى.

3بەرھەق، مېنىڭ ئىقرارىم بار قىلمىشىمغا،

گۇناھلىرىم تۇرار دائىم كۆز ئالدىمدا.

4گۇناھ قىلدىم ئالدى بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا،

نەزىرىڭدە رەزىل ئىشلار ئىگىسىمەن ئى خۇدا.

ئادالەتنىڭ ئىگىسىسەن پەقەت ئۆزۈڭ،

ھەقتۇرسەن ماڭا ھۆكۈم چىقارماققا.

5گۇناھكارمەن شۈبھىسىزكى تۇغۇلغىنىمدىلا،

ھەتتا ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا.

6سەن ئىستەيسەن قەلبىمنىڭ پاكلىقىنى،

سالغىن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا دانالىقىڭنى.

7تازىلا مېنى لىپەكگۈلدە پاكلىناي،

يۇيغىن مېنى قاردىن ئاققا ئايلىناي.

8كەچۈرگىنىڭنى ئاڭلاپ، شاد-خۇرام بولاي،

سەن يانجىغان ئۇستىخانلىرىم ھەم شادلانغاي.

9نەزىرىڭدىن ساقىت قىلىپ گۇناھلىرىمنى،

ئۆچۈرۈۋەتكىن ساڭا قىلغان ئىتائەتسىزلىكىمنى.

10بىر پاك يۈرەك ئاتا قىلغىن ماڭا رەببىم،

ئىخلاسمەن قەلبنى قايتا قىلىپ تەقدىم.

11قوغلىمىغىن ھۇزۇرۇڭدىن زىنھار مېنى،

تارتىۋالما مەندىن مۇقەددەس روھىڭنى.

12ھېس قىلدۇرغايسەن يېڭىباشتىن نىجاتلىقنىڭ شادلىقىنى،

ئاتا قىلغايسەن ماڭا بىر ئىتائەتمەن قەلبنى.

13شۇندىلا مەن ئازغۇنلارغا ئۆگىتەي چىن يولۇڭنى،

گۇناھكارلار توۋا قىلىپ، ماكان قىلسۇن يېنىڭنى. [داۋامى]

« زەبۇر » 103- مۇناجات

8خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر،

ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس،

مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر.

9ئەيىبلىمەس ئۇ بىزنى ئۇزاققىچە،

غەزىپىمۇ ئەمەستۇر ئاداققىچە.

10ئۇ مۇئامىلە قىلمىغاندۇر بىزگە گۇناھلىرىمىزغا يارىشا،

جازالىمىغاندۇر بىزنى ئۇ قىلمىشلىرىمىزغا قارىتا.

11ئاسمان، زېمىندىن ئېگىز بولسا قانچىلىك،

خۇدانىڭ ئىخلاسمەنلەرگە بولغان مۇھەببىتى چەكسىزدۇر شۇنچىلىك.

12مەشرىق مەغرىبتىن يىراق بولسا قانچىلىك،

يىراقلاشتۇرغاندۇر گۇناھلىرىمىزنى ئۇ بىزدىن شۇنچىلىك. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

28ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. 29مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. 30مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، تەلىپىم ئېغىر ئەمەس. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 6- باب

19مەن سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلاردىكى ئاجىزلىقلارنى بىلگەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئادەتتىكى مىسال بىلەن ئېيتىۋاتىمەن. ئىلگىرى سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولۇپ، تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ناپاك ۋە تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارغا بېغىشلىغانىدىڭلار. ئەمدى پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى بولۇشقا بېغىشلاڭلار.

20سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولغان ۋاقتىڭلاردا، ھەققانىي ھايات كەچۈرۈش بىلەن كارىڭلار يوق ئىدى. 21سىلەر ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا زادى نېمە پايدا تاپقانىدىڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈمدۇر. 22بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولدۇڭلار. بۇ، ھاياتىڭلارغا پايدىلىق بولۇپ، سىلەرنى پاك ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سىلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر. 23چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 1- باب

6ئەگەر ئۆزىمىزنى خۇداغا يېقىن دەپ تۇرۇپ، يەنىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، قاراڭغۇلۇقتا مېڭىۋەرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز. 7شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ. 8گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. 9گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ. 10گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، خۇدانى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر