سوئال

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 10- باب

12ئۆچمەنلىك جېدەل-ماجىرا قوزغار،

مېھىر-مۇھەببەت بارلىق گۇناھلارنى ياپار. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

12بىزگە گۇناھ قىلغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك،

سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.

13بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن.

بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. »

14سىلەر باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. 15بىراق، سىلەر باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 18- باب

21بۇ چاغدا، پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئى رەببىم، قېرىندىشىمنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆتكۈزگەن قانچە قېتىملىق گۇناھىنى كەچۈرۈشۈم كېرەك؟ يەتتە قېتىممۇ؟ _ دېدى.

22ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ بىلىپ قويغىنكى، يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش يەتتە قېتىم. 23دېمەك، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى چاكارلىرى بىلەن ھېساب-كىتاب قىلماقچى بولغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. 24پادىشاھ ھېساب-كىتابنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭغا مىليونلىغان كۈمۈش تەڭگە قەرزدار بولغان بىر چاكار كەلتۈرۈلۈپتۇ. 25چاكارنىڭ تۆلەش ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن، پادىشاھ ئۇنىڭغا ئۆزىنى، خوتۇن بالا-چاقىسى ۋە بار-يوقىنى سېتىپ، قەرزىنى تۆلەشنى بۇيرۇپتۇ. 26چاكار يەرگە تىزلىنىپ تۇرۇپ، خوجايىنى پادىشاھقا: «ماڭا كەڭچىلىك قىلغايلا، پۈتۈن قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. 27خوجايىنىنىڭ چاكارغا ئىچى ئاغرىپ، قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىپ ئۇنى قويۇپ بېرىپتۇ.

28لېكىن، چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە بىرنەچچە تەڭگە قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكارنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى سىقىپ تۇرۇپ: «قەرزىڭنى تۆلە» دەپتۇ. 29بۇ چاكارمۇ يەرگە تىزلىنىپ تۇرۇپ: «ماڭا كەڭچىلىك قىل، قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. 30لېكىن، باشتىكى چاكار بۇنى رەت قىپتۇ ۋە ئۇنى زىندانغا تاشلىتىپ: «پۈتۈن قەرزنى تۆلىمىگۈچە، زىنداندا ياتىسەن» دەپتۇ. 31بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ ئىچى ئىنتايىن ئاغرىغان باشقا چاكارلار خوجايىنىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى باشتىن-ئاخىر خەۋەر قىپتۇ.

32بۇنىڭ بىلەن، خوجايىن چاكارنى چاقىرتىپ: «ئەي يامان چاكار، ماڭا يالۋۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قەرزىڭنى كەچۈردۈم. 33مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭ كېرەك ئىدىغۇ؟» دەپتۇ. 34بۇنىڭ بىلەن، غەزەپلەنگەن خوجايىن ئۇنى پۈتۈن قەرزىنى تۆلىگۈچە زىنداندا ياتقۇزۇش ئۈچۈن، ۋەھشىي گۇندىپايلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.

35شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ھەممىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارنى دىلىڭلاردىن كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاممۇ سىلەرنى كەچۈرمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

25ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە قورساق كۆپۈكۈڭلار بارلىقى يادىڭلارغا كەلسە، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. 26سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 17- باب

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ كىشىلەرنى گۇناھ سادىر قىلدۇرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ سەۋەبلەرنى پەيدا قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! 2بۇنداق ئادەمنىڭ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل. چۈنكى، بۇ جازا ماڭا يېڭىدىن ئىشەنگەنلەرنىڭ بىرىنى ئازدۇرغان كىشىگە بېرىلىدىغان جازادىن ياخشىراق. 3شۇڭا، سىلەرمۇ نېمە قىلىۋاتقىنىڭلارغا پەخەس بولۇڭلار!

بىراق، قېرىندىشىڭلار گۇناھ قىلغان بولسا، نەسىھەت قىلىڭلار. ئۇ توۋا قىلسا، ئۇنى كەچۈرۈم قىلىڭلار. 4مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە سىلەرگە يەتتە قېتىم گۇناھ سادىر قىلىپ، ھەر قېتىم كېلىپ توۋا قىلسا، گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

14سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار. ئۇلارغا پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار. 15خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار. 16ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈڭلار، مەغرۇرلانماڭلار. ئەكسىچە، تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ھەرگىز بىلەرمەن بولۇۋالماڭلار.

17ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار، كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار. 18ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. 19قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، ئۇنى مەن چوقۇم قىلىمەن.» 20مۇقەددەس يازمىلاردا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى چىمىلدىتىپ، ئۇنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرىسەن.» سىلەرمۇ ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئورنىغا شۇنداق قىلىڭلار. 21دېمەك، يامانلىق ئالدىدا تىز پۈكمەڭلار، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

31بارلىق ئاداۋەت تۇتۇش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، جېدەللىشىش، تۆھمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىللەتلەردىن ۋە ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 32بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

13بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا بىركىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. رەببىمىز سىلەرنى كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار. 14ئەڭ مۇھىمى، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت بىر-بىرىمىزنى باغلاپ، مۇكەممەل ئىناقلىققا باشلايدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر