سوئال

« زەبۇر » 14- مۇناجات

1ئەخمەقلەر كۆڭۈللىرىدە دېيىشەر «يوقتۇر خۇدا».

يىرگىنچلىك، رەزىل بولۇپ قىلمىشلىرى،

ماڭمىغاندۇر ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ توغرا يولدا.

2پەرۋەردىگار ئەرشتىن ئىنسانغا سېلىپ نەزەر،

خۇدانى ئىزدىگۈچى ئاقىل ئادەم ئىزدەر.

3ئازغۇندۇر ھەممىسى، بىردەك بۇزۇلغان،

بىرىمۇ يوقتۇر ھەتتا توغرا يولدا ماڭغان. [داۋامى]

« زەبۇر » 1- مۇناجات

1نەقەدەر بەختلىك ھە!

يامانلارنىڭ سالاسىغا كىرمىگۈچى،

گۇناھكارلارنىڭ يولىدا ماڭمىغۇچى،

مەسخىرىچىلەر ئارىسىدا يۈرمىگۈچى.

2پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار،

كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار.

3ئۇ گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا،

ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار.

سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى،

ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار.

4بىراق يامانلار ئوخشىماس ئۇلارغا،

ئۇلار ئوخشار شامالدا سورۇلغان توپانغا.

5باش كۆتۈرەلمەس يامانلار خۇدانىڭ سورىقىدا،

گۇناھكارلار تۇرالماس ھەققانىيلار قاتارىدا.

6پەرۋەردىگار يورۇتار ھەققانىيلار يولىنى،

يامانلار يولى باشلار ھالاكەتكە ئۇلارنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 21- باب

28ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

_ سىلەر بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ چوڭ ئوغلىغا: «ئوغلۇم، بۈگۈن ئۈزۈمزارلىققا بېرىپ ئىشلىگىن» دەپتۇ. 29«بارمايمەن» دەپتۇ ئوغلى، لېكىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ يەنىلا بېرىپتۇ. 30ئۇ ئادەم ئىككىنچى ئوغلىغىمۇ شۇنداق دەپتۇ. ئۇ: «خوپ دادا، باراي» دەپتۇيۇ، لېكىن بارماپتۇ. 31بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسىسى ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇندىغان بولىدۇ؟

_ چوڭ ئوغلى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنساپسىز باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرىدۇ. 32چۈنكى، گەرچە يەھيا پەيغەمبەر سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى كۆرسەتكىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، گۇناھىڭلارغا توۋا قىلىپ ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 20- باب

24ئون ئىككى شاگىرتتىن بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس ھەزرىتى ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. 25كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭغا:

_ بىز رەببىمىزنى كۆردۇق! _ دېيىشتى. لېكىن توماس:

_ ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تەگكۈزۈپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، _ دېدى.

26بىر ھەپتىدىن كېيىن، شاگىرتلار يەنە شۇ ئۆيدە جەم بولغان بولۇپ، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا كىرىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ:

_ ئامان بولۇڭلار! _ دېدى. 27ئاندىن، توماسقا:

_ بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تەگكۈزۈپ باق. گۇمان قىلماي، ماڭا ئىشەن! _ دېدى.

28_ سەن مېنىڭ رەببىم ھەم خۇدايىمسەن! _ دېدى توماس ئۇنىڭغا جاۋابەن.

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭمۇ؟ كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك-ھە! _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 17- باب

24پۈتكۈل دۇنيانى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن بىنا قىلىنغان بۇتخانىلاردا تۇرمايدۇ. 25ئۇنىڭ ئىنسانلارغا ھېچقانداق ھاجىتى چۈشمەيدۇ. ئەكسىچە، ئىنسانلارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدۇ. 26ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل مىللەتلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى. 27ئۇ: «ئىنسانلار مېنى ئىزدەپ تاپسۇن» دەپ، شۇنداق قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بىزلەردىن يىراق ئەمەس. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 1- باب

18خۇدا ئەرشتىن ئادەملەرنىڭ بارلىق گۇناھكارلىق ۋە يامانلىقلىرىغا قارشى ئۆز غەزىپىنى بىلدۈردى. سەۋەبى، ئۇلار ئادالەتسىز ئىشلىرى ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشنى توسۇۋاتىدۇ. 19ئۇلار خالىغان بولسىدى، خۇدانى بىلەلەيتتى. چۈنكى، خۇدا توغرىسىدىكى ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خۇدا بۇلارنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن. 20دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلمەيمىز، دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ.

21لېكىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا، دەپ ئۇلۇغلىمىدى ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتمىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلۇققا تولدى. 22گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەقىللىق ھېسابلىسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى. 23ئۇلار مەڭگۈ ھايات بولغان شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئادەمزاتقا، قۇشلارغا، تۆت پۇتلۇق ۋە يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارغا چوقۇندى. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 10- باب

20كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:

«مېنى ئىزدىمىگەنلەر مېنى تاپتى،

مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈمنى كۆرسەتتىم.» [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 11- باب

6دېمەك، ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىدىغان كىشى ئۇنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنى ئىزدىگەنلەرگە ئىزدەش ئەجرىنى قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر