سوئال

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 20- باب

1خۇدا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

2_ مەن سېنى قۇل بولۇپ ياشىغان مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭ خۇدادۇرمەن.

3ماڭىلا ئىبادەت قىل. مەندىن باشقا ھېچ قانداق ئىلاھىڭ بولمىسۇن. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

6ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 4- باب

11مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان:

«تامچىلار تاشلىۋەتكەن بۇ تاش

قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.»

ھەزرىتى ئەيسا دەل شۇ «تاش»تۇر! 12پەقەت ھەزرىتى ئەيسالا بىزنى قۇتقۇزالايدۇ. چۈنكى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا، خۇدا تەيىنلىگەن ھېچقانداق قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر! [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 2- باب

5چۈنكى، خۇدا بىردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى كېلىشتۈرگۈچىمۇ بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىنسان تېنىدە دۇنياغا كەلگەن ئەيسا مەسىھتۇر. 6ئىنسانلارنىڭ گۇناھتىن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى. خۇدا بۇنىڭغا دەل ۋاقىت-سائىتىدە گۇۋاھلىق بەردى. [داۋامى]

تەۋرات، « سامۇئىل بىرىنچى قىسىم » 7- باب

3سامۇئىل ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر سىلەر چىن قەلبىڭلاردىن پەرۋەردىگارغا قايتا يېقىنلىشىشنى نىيەت قىلساڭلار، يات قوۋملارنىڭ ئىلاھلىرى ۋە ئاشتورەت دېگەن ئايال ئىلاھنىڭ بۇتلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنى تەلتۆكۈس پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلارلا، ئۇ سىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر