سوئال

« زەبۇر » 116- مۇناجات

15ئۆلۈپ كەتسە تەقۋادار بەندىلىرى،

پەرۋەردىگار ئەتىۋارلار ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى.

16ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن،

بەرھەق، سېنىڭ پېقىر قۇلۇڭدۇرمەن.

ئازاد قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ ئاسارەتتىن. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

1ھەزرىتى ئەيسا يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. 2شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، بۇ ئادەمنىڭ تۇغما قارىغۇ بولۇشى كىمنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن بولغان؟ ئۆزىنىڭمۇ ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

3ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز قۇدرىتىنى ئۇنىڭ ھاياتىدا ئايان قىلماقچى بولغانلىقىدىندۇر. 4كۈننىڭ يورۇق ۋاقتىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە، ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. 5دۇنيادا بولغان مەزگىلىمدە، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 5- باب

6ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. 7بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر