سوئال

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

1ھەزرىتى ئەيسا يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. 2شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، بۇ ئادەمنىڭ تۇغما قارىغۇ بولۇشى كىمنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن بولغان؟ ئۆزىنىڭمۇ ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

3ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز قۇدرىتىنى ئۇنىڭ ھاياتىدا ئايان قىلماقچى بولغانلىقىدىندۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 8- باب

18مېنىڭچە، ھازىر بىز تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر كەلگۈسىدە بىزدە ئايان بولىدىغان شان-شەرەپكە سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

2قېرىنداشلار، ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى زور خۇشاللىق، دەپ بىلىڭلار. 3چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق سىناقلار ئارقىلىق ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ، چىداملىق بولىسىلەر. 4شۇڭا، ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، چىداملىقىڭلارنى يېتىلدۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كۈتكىنىدەك ئېتىقادتا پىشقان، كەم-كۈتىسىز ئادەملەردىن بولىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 4- باب

19شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر جېنىنى ئىشەنچلىك ياراتقۇچىغا ئامانەت قويۇپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرسۇن. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 5- باب

6ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. 7بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر