سوئال

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 13- باب

3گەرچە پۈتۈن مېلىمنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتسەممۇ، ھەتتا خۇدانىڭ خىزمىتىدە جېنىمنى قۇربان قىلىپ، تېنىمنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىگە رازى بولساممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، بۇ قىلغانلىرىمنىڭ ماڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر.

4مېھىر-مۇھەببەت سەۋرچان ۋە مېھرىباندۇر. مېھىر-مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، ماختانچاقلىق ۋە تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ. 5مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. 6مېھىر-مۇھەببەت ناھەقچىلىكتىن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ. 7مېھىر-مۇھەببەت ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۈمىدۋار ۋە چىداملىق بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 6- باب

18شۇنىڭ ئۈچۈن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق بولۇڭلار. ئىنسانلار سادىر قىلغان باشقا گۇناھلارنىڭ ھەممىسى تەننىڭ سىرتىدا بولىدۇ. لېكىن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلغان بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 7- باب

9لېكىن، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار. چۈنكى، شەھۋەت ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە، نىكاھلىق بولغان ياخشىدۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

18ئۇلار خۇداغا تەرسالىق قىلىپ، خۇدا ھەققىدە بىلىمسىز قالدى. نەتىجىدە، قەلبى قاراڭغۇلۇقتا قېلىپ، خۇدا ئاتا قىلغان ھاياتلىقتىن مەھرۇم قالدى. 19ئۇلار ئار-نومۇسنى ئۇنتۇپ، شەھۋانىيلىققا بېرىلىپ، ئاچكۆزلۈك بىلەن ھەر خىل ناپاكلىقلارنى قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 5- باب

3ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە قەتئىي يول قويۇلمىسۇن. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ماس كەلمەيدۇ. 4شۇنداقلا، شەھۋانىي ۋە ئەخمىقانە سۆزلەش، چاكىنا چاقچاق قىلىش سىلەرگە ياتتۇر. ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. 5چۈنكى، شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ھەرقانداق ئادەمگە ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئورۇن يوق. ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ئادەم خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا مال-مۈلۈككە چوقۇنىدۇ-دە، بۇتپەرەسلەردىن پەرقلەنمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

5شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىل ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ. 6خۇدانىڭ غەزىپى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 4- باب

3خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك بولۇڭلار ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىڭلار؛ 4-5ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان ئادەملەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى تېنىڭلاردىكى بۇ ھەۋەسلەرنى باشقۇرۇپ، پاك ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىڭلار بىلەن ھايات كەچۈرۈڭلار. 6بۇ يامان ئىشلاردا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئالداپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، رەببىمىز مانا شۇنداق گۇناھلار تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنى جازالايدۇ. 7چۈنكى، خۇدا بىزنى ناپاك ئەمەس، بەلكى پاك ياشاشقا چاقىردى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

4ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر