سوئال

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 1- باب

1خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى. 2ئۇ چاغدا يەر شارى شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولۇپ، سۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇ ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.

3خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېگەنىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى. 4-5خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى ۋە يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى بولسا «كېچە» دەپ ئاتىدى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ تۇنجى كۈن بولدى. [داۋامى]

« زەبۇر » 1- مۇناجات

1نەقەدەر بەختلىك ھە!

يامانلارنىڭ سالاسىغا كىرمىگۈچى،

گۇناھكارلارنىڭ يولىدا ماڭمىغۇچى،

مەسخىرىچىلەر ئارىسىدا يۈرمىگۈچى.

2پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار،

كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار.

3ئۇ گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا،

ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار.

سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى،

ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار.

4بىراق يامانلار ئوخشىماس ئۇلارغا،

ئۇلار ئوخشار شامالدا سورۇلغان توپانغا.

5باش كۆتۈرەلمەس يامانلار خۇدانىڭ سورىقىدا،

گۇناھكارلار تۇرالماس ھەققانىيلار قاتارىدا.

6پەرۋەردىگار يورۇتار ھەققانىيلار يولىنى،

يامانلار يولى باشلار ھالاكەتكە ئۇلارنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

1ئەيسا مەسىھنىڭ ئەجدادلىرى: ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، داۋۇت پادىشاھ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى. 2ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ ئاتىسى، ئىسھاق ياقۇپنىڭ ئاتىسى، ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتىسى، [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

1ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس جانابلىرى،

سىزگە مەلۇمكى، نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارىمىزدا قىلغان ئىشلىرىنى خاتىرىلەشكە كىرىشكەنىدى. 2ئۇلار خاتىرىلەشتە، بۇ ئىشلارنى باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، خۇش خەۋەر تارقاتقانلارنىڭ بايانلىرىنى ئاساس قىلغان. 3مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققانلىقىم ئۈچۈن، بۇلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىپ، سىزگە مەلۇم قىلىشنى لايىق تاپتىم. 4بۇنىڭدىن مەقسەت، سىزگە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە ئاڭلىغان تەلىملەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى بىلدۈرۈشتۇر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر