سوئال

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

22ئىنسانئوغلىغا ئەگەشكەنلىكىڭلار ئۈچۈن بەزىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، يۈز ئۆرۈسە، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، سىلەرنى يامان دېسە، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! 23ئۇ چاغدا، شاد-خۇرام بولۇپ تەنتەنە قىلىڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇ قارا نىيەتلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگىمۇ شۇنداق زىيانكەشلىك قىلغان. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 15- باب

18_ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار. 19سىلەرمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىدىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئۆزىنىڭ دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق، مەن سىلەرنى بۇ پانىي دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەسسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 6- باب

10ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن. 11شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن قوراللىنىڭلار. 12چۈنكى، بىز ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى يامان روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلارغا، ھوقۇقدارلارغا، بۇ قاراڭغۇ دۇنيانىڭ كۆرۈنمەس كۈچلىرىگە ۋە باشقا رەزىل روھىي كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز. 13مۈشكۈل كۈنلەردە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىشىڭلار ھەمدە جەڭدىن كېيىنمۇ قەددىڭلارنى رۇسلاپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللىنىڭلار. 14بۇ جەڭدە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، بېلىڭلارغا ھەقىقەت كەمىرىنى، كۆكسۈڭلارغا ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى تاقاڭلار. 15خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇش توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر چورۇقىنى كىيىپ، تەييار تۇرۇڭلار. 16مانا بۇلارغا قوشۇپ، شەيتاننىڭ بارلىق ئوت تۇتاشتۇرۇلغان ئوقلىرىنى توسۇپ قالالايدىغان ئېتىقاد قالقىنىنى قولۇڭلارغا ئېلىڭلار. 17خۇدا ئاتا قىلغان قۇتقۇزۇلۇش دۇبۇلغىسىنى كىيىڭلار ۋە مۇقەددەس روھ قىلىچى، يەنى خۇدانىڭ سۆزىنى مەھكەم تۇتۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 3- باب

12ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان، خۇداغا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە باغلىغانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

12سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى، ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

2قېرىنداشلار، ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى زور خۇشاللىق، دەپ بىلىڭلار. 3چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق سىناقلار ئارقىلىق ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ، چىداملىق بولىسىلەر. 4شۇڭا، ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، چىداملىقىڭلارنى يېتىلدۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كۈتكىنىدەك ئېتىقادتا پىشقان، كەم-كۈتىسىز ئادەملەردىن بولىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 4- باب

12قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىڭلاردا، ئاجايىپ بىر ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران بولماڭلار. 13ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئورتاق بولغانلىقىڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار. ئۇ شان-شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سىلەرمۇ شاد-خۇراملىققا چۆمىسىلەر. 14ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى، خۇدانىڭ ئۇلۇغ روھى سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىن ئورۇن ئالغان. 15ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە يامانلىقلارنى قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش سەۋەبىدىن بولمىسۇن. 16لېكىن، ئاراڭلاردىن بىرى ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكۈچى دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن. ئەكسىچە، شۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن خۇدانى مەدھىيىلىسۇن. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 5- باب

7بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ.

8ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ. 9سىلەر مۇستەھكەم ئېتىقادىڭلار بىلەن شەيتانغا تاقابىل تۇرۇڭلار. چۈنكى ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىدۇ. 10پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان. سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، خۇدا سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ. 11بارلىق كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

13ئەگەر سىلەر دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشساڭلار، باشقىلار سىلەرگە يامانلىق قىلمايدۇ. 14لېكىن، ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! باشقىلارنىڭ تەھدىتىدىن قورقماڭلار ۋە ئەنسىرەپ كەتمەڭلار. 15بەلكى، قەلبىڭلارنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن رەببىمىز ئەيساغا ئورۇن بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنىڭغا ئاتاڭلار. سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا بولغان ئۈمىدىڭلارنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. 16بۇنى مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئېيتىڭلار. ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار-دە، سىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلار سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلاردىن يېتىلگەن پەزىلىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن. 17ئەگەر ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسا، ئۇنداقتا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز يامان ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىزدىن ئەۋزەلدۇر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر