سوئال

« زەبۇر » 26- مۇناجات

8ئى پەرۋەردىگار، سۆيىمەن سەن تۇرغان ئىبادەتخانىنى،

شەۋكىتىڭ نامايان بولغان جاينى.

9گۇناھكارلار قاتارى ئالمىغىن جېنىمنى،

قانخورلار قاتارى ھاياتىمنى.

10پارىغا تولۇپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرى،

سۇيىقەست بىلەن بۇلغانغاندۇر قوللىرى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 23- باب

8پارا ئالما، چۈنكى پارا كۆرىدىغانلارنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ، دۇرۇس ئادەملەرنىڭ سۆزىنى بۇرمىلايدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 16- باب

8مول بايلىقنى تاپقاندىن ئادالەتسىزلىك بىلەن،

ئەۋزەلدۇر ئاز تاپقان ھەققانىيلىق بىلەن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 3- باب

5ئىشەنمەي ئۆز ئەقلىڭگە،

ئىشەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا،

6ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا،

ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.

7ئۆزۈڭنى ئەقىللىق دەپ سانىما،

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىققا يولىما.

8شۇنداق قىلساڭ، ساغلام بولار تېنىڭ،

يىلىككە تولار سۆڭەكلىرىڭ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 3- باب

14بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن:

_ بىزچۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دەپ سوراشتى.

يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا:

_ باشقىلارنىڭ پۇلىنى زورلۇق ياكى تۆھمەتلەر بىلەن ئېلىۋالماڭلار. ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

6ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر