سوئال

ھاياتنى ئۆزگەرتىش بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىش

« زەبۇر » 103- مۇناجات

1ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم،

تەرىپلىگىن ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىنى ئەي ۋۇجۇدۇم.

2ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم،

ئۇنتۇمىغىن خۇدانىڭ شەپقىتىنى ھەر دائىم.

3كەچۈرەر ئۇ بارلىق گۇناھلىرىڭنى،

ساقايتار ھەرقانداق كېسەللىرىڭنى.

4ئۇ قۇتقۇزار ئۆلۈمدىن ھاياتىڭنى،

ياغدۇرار ھەم مۇھەببىتى، رەھىمدىللىقىنى.

5ئۇ سېنى بەرىكىتىدە مەمنۇن قىلار ئۆمۈر بويى،

ياش چېغىڭدەك كۈچ-قۇۋۋىتىڭ ئۇرغۇپ تۇرار بۈركۈت كەبى. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 6- باب

9يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار! بارلىق جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىناخورلار، ھەزىلەكلەر، ئەر بىلەن ئەر ياكى ئايال بىلەن ئايال ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار، 10ئوغرىلار، ئاچكۆزلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ۋە ئالدامچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق. 11بەزىلىرىڭلار بۇرۇن مانا شۇنداقلاردىن ئىدىڭلار. لېكىن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق گۇناھىڭلار يۇيۇلۇپ، خۇداغا ئاتالدىڭلار ۋە خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 2- باب

1سىلەر بۇرۇن خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. 2ئۇ چاغلاردا، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ يامان يوللىرىدا ماڭغانىدىڭلار، يامان روھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ھەمدە كىشىلەرنى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرىدىغان شەيتانغا بويسۇنۇپ ياشىدىڭلار. 3بۇرۇن ھەممىمىز ھەم شۇنداق ياشىغانىدۇق. ئۆز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ئوي-خىياللىرىمىز بويىچە ياشايتتۇق. شۇڭا، بىزمۇ خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا لايىق ئىدۇق.

4لېكىن، ئىنتايىن رەھىم-شەپقەتلىك بولغان خۇدا بىزنى شۇ قەدەر سۆيگەچكە، 5گەرچە بىز گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلگەن بولساقمۇ، خۇدا بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ھالدا يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر پەقەت ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

22ئۇنداقتا، خۇددى كونا كىيىمىڭلارنى تاشلىۋەتكەندەك، بۇرۇنقى رەزىل تۇرمۇش ئادەتلىرىڭلارنى كونا تەبىئىتىڭلار بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىڭلار. چۈنكى، ئۇ تەبىئەت سىلەرنى ئازدۇرىدىغان چاكىنا ھەۋەسلەر بىلەن چىرىپ كەتكەن. 23روھىڭلار ۋە ئوي-پىكرىڭلارمۇ يېڭىلانسۇن. 24يېڭى تەبىئەتنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. بۇ يېڭى تەبىئەت خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ماس بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق ۋە ھەققىقىي پاكلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 1- باب

21ئىلگىرى سىلەرمۇ خۇدادىن ئايرىلىپ، قىلغان يامان ئوي-پىكرىڭلار ۋە ئىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەشكەنىدىڭلار. 22بىراق، ھازىر خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسان تېنىدە كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا پاك، قۇسۇرسىز ۋە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 1- باب

13ئۇ بىزنى شەيتاننىڭ زۇلۇم-زەخمىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا ئېلىپ كىردى. 14بىز ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى ئارقىلىق گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن بولدۇق، يەنى گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

5شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىل ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ. 6خۇدانىڭ غەزىپى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 7بۇرۇن سىلەرمۇ بۇنداق ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئىچىدە ياشاپ، رەزىل تۇرمۇش كەچۈرگەنىدىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 1- باب

8گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. 9گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر