سوئال

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

28دېمەك، خۇدانىڭ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىمىز بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 2- باب

8سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئەجرىڭلاردىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپاتتۇر. 9سىلەر ھەرگىزمۇ ياخشى ئەمەللەر بىلەن قۇتقۇزۇلمىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنىڭ ماختىنىشقا ھەققىڭلار يوق. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىتۇسقا يېزىلغان خەت » 3- باب

4لېكىن، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مۇھەببىتىنى ئوچۇق ئايان قىلدى. 5بىز ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن قۇتقۇزۇلدۇق. خۇدا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بىزنى قايتىدىن تۆرەلدۈرۈپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىزنى قۇتقۇزدى. 6قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا كەڭچىلىك بىلەن مۇقەددەس روھنى قەلبىمىزگە تۆكتى. 7بۇنىڭ بىلەن، بىز خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىگە ئىگە بولدۇق. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 1- باب

18چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن قالغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇش يولىنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەر بىلەن ئەمەس، 19بەلكى خۇدا ئەۋەتكەن كەم-كۈتىسىز قوزىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى. 20ئەيسا مەسىھ دۇنيا يارىتىلىشتىن ئىلگىرىلا خۇدا تەرىپىدىن ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇش ئۈچۈن تاللانغان. ئۇ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ، ئاشكارا قىلىندى. 21سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 1- باب

8گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. 9گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر