سوئال

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 31- باب

30ئالدامچىدۇر جەلپكارلىق، بىر كۆپۈكتۇر ھۆسن-جامال،

ماختاشقا ئېرىشەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئايال. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 11- باب

22ھۆسنى بار ئەقلى يوق خوتۇن ئوخشار،

چوشقا تۇمشۇقىغا ئېسىلغان ئالتۇن ھالقىغا. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 2- باب

9ئاياللار چاكىنا كىيىنمەي، مۇۋاپىق ۋە ئەخلاقلىق كىيىنىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرى، ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس، 10بەلكى ياخشى ئەمەلىيىتى بىلەن پەردازلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ، خۇدا يولىدا ماڭىمەن دەيدىغان ئاياللارغا يارىشىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

1-2ئەي ئاياللار، سىلەرمۇ ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، خۇداغا ئېتىقاد قىلىشى مۇمكىن. سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئارتۇقچە گەپ قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار ۋە پاك پەزىلىتىڭلارنى كۆرەلەيدۇ.

3گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىكى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرىڭلار، تاقىغان ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىڭلار ۋە ئېسىل كىيىملىرىڭلاردىن ئىبارەت ئەمەس، 4بەلكى قەلبىڭلاردىكى ئۆچمەس گۈزەللىك، يەنى مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكىڭلاردىن ئىبارەت بولسۇن چۈنكى، بۇنداق گۈزەللىك خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. 5بۇرۇنقى چاغلاردا، ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار دەل مۇشۇنداق گۈزەللىك بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلاتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « سامۇئىل بىرىنچى قىسىم » 16- باب

7لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىما، مەن ئۇنى رەت قىلدىم. پەرۋەردىگار بەندىلەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە قارىمايدۇ، قەلبكە قارايدۇ» دېدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر