« فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەلچى پاۋلۇس بولۇپ، ئۇ بۇ خەتنى تۈرمىدىكى ۋاقتىدا فىلىپى شەھىرىدىكى (بۈگۈنكى گرېتسىيىدە) ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يازغان. پاۋلۇس ئىككىنچى قېتىملىق خىزمەت سەپىرىدە فىلىپى شەھىرىگە بېرىپ، خۇش خەۋەر تارقىتىش بىلەن بۇ يەردە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئاساسىنى سالغان («ئەلچىلەر» 16-باب 12-ئايەتتىن 40-ئايەتكىچە).

فىلىپىلىكلەر پاۋلۇسنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سوۋغا-سالاملار ئەۋەتكەن. پاۋلۇس بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇشبۇ خەتنى يازغان. ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلىش بىلەن ئۇلارنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مەزگىللىرىدىمۇ ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇشقا، ھەرقانداق شارائىتتا خۇشال-خۇرام ياشاشقا چاقىرغان. ئۇ يەنە ئېتىقادچىلارنى ئىتتىپاق ۋە كەمتەر بولۇشقا، ساختا ئەلچىلەردىن ھەزەر ئەيلەشكە ئۈندىگەن. بۇ خەتتە پاۋلۇسنىڭ فىلىپىلىكلەرگە بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

تۈرمىدە تۇرۇپ يازغان بۇ خېتىدە پاۋلۇس خۇشال-خۇرام بولۇشنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانلىقىدىن، بۇ خەت «خۇشال-خۇراملىق خېتى» دەپ تونۇلغان.

تېزىس:

  1. دۇئايىسالام (1-باب 1-ئايەتتىن 11-ئايەتكىچە)
  2. پاۋلۇسنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى (1-باب 12-ئايەتتىن 26-ئايەتكىچە)
  3. ئەيسا مەسىھكە باغلانغان ھايات (1-باب 27-ئايەتتىن 2-باب 18-ئايەتكىچە)
  4. تىموتىي ۋە ئېپافرودىت توغرىسىدىكى پىلان (2-باب 19-ئايەتتىن 30-ئايەتكىچە)
  5. نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش (3-باب 1-ئايەتتىن 4-باب 9-ئايەتكىچە)
  6. تەشەككۈر ۋە ئاخىرقى سالام (4-باب 10-ئايەتتىن 23-ئايەتكىچە)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر