« ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى »

13

مۇقەددەس روھنىڭ بارنابا بىلەن سائۇلنى ئەۋەتىشى

1ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارنابا، «قارا» لەقەملىك شىمون، كىرىنىلىك لۇكى، ھىرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مېناھېن ۋە سائۇل قاتارلىقلار ئىدى. 2بىر كۈنى ئۇلار خۇداغا ئىبادەت قىلىپ روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقتىدا، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا:

_ بارنابا بىلەن سائۇلنى مەن چاقىرغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئاجرىتىڭلار، _ دېدى.

3شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئازراق ۋاقىت روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، بارنابا بىلەن سائۇلنى ئاجرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

بارنابا بىلەن سائۇل سىپرۇستا

4مۇقەددەس روھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يولغا چىققان بارنابا بىلەن سائۇل سەلەكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سىپرۇس دېگەن ئارالغا قاراپ يولغا چىقتى. 5ئۇلار سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىدا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا (ماركۇس) ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.

6ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان باريەشۇ ئىسىملىك بىر يەھۇدىي سېھىرگەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. 7ئۇ سېھىرگەر بۇ ئارالنىڭ بىلىملىك رىملىق ۋالىيسى سېرگىيۇس پائۇلنىڭ تونۇشى ئىدى. ۋالىي سېرگىيۇس بارنابا بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى بولدى. 8لېكىن، ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) قارشى چىقىپ، ۋالىينى بۇ ئېتىقادنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇشقا تىرىشتى. 9بىراق، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن سائۇل (گرېكچە ئىسمى پاۋلۇس* ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ، 10ئۇنىڭغا:

_ ئەي شەيتاننىڭ ئوغلى! ھەممە ئادىللىقنىڭ دۈشمىنىسەن. قەلبىڭ ھەر خىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان. خۇدانىڭ توغرا يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟! 11ئەمدى خۇدا سېنى جازاغا تارتىدۇ! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! _ دېدى.

شۇئان، ئەلىماس كۆزلىرىنى بىر قارا تۇمان توسقانلىقىنى سەزدى. ئۇ قوللىرىنى ئۇزىتىپ، باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىنى ئۆتۈندى. 12يۈز بەرگەن ئەھۋالنى كۆرگەن ۋالىي ئۇلارنىڭ رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى تەلىملىرىگە ھەيران بولۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

پاۋلۇسنىڭ يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە ئېيتقانلىرى

13پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە ئولتۇرۇپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىنىڭ پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا (ماركۇس) ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. 14پاۋلۇسلار بولسا پەرگە شەھىرىدىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پىسىدىيە رايونىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، دەم ئېلىش كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. 15تەۋرات ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ:

_ قېرىنداشلار، ئەگەر جامائەتنى رىغبەتلەندۈرىدىغان گەپ-سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، _ دېدى.

16پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىنى كۆتۈرۈپ، خالايىقنى تىنچىتىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئىسرائىللار ۋە يەھۇدىي ئەمەس تەقۋادارلار، قۇلاق سېلىڭلار! 17ئىسرائىللار ئەزەلدىن بېرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەجدادلىرىمىزنى تاللىدى. ئۇلار مىسىردا ياشىغان مەزگىلدە، خۇدا ئۇلارنى ئۇلۇغ بىر مىللەت قىلدى. خۇدا كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ، قۇللۇق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى ۋە 18چۆلدە ئۇلارغا تەخمىنەن قىرىق يىل غەمخورلۇق قىلدى. 19ئۇ كەنئان زېمىنىدىكى يەتتە مىللەتنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىسرائىل خەلقىگە زېمىنلىققا بەردى. 20بۇ ئىشلارغا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 450 يىل كەتتى.

كېيىن خۇدا سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە ئۇلارغا باتۇر يېتەكچىلەرنى تىكلەپ بەردى. 21كېيىن، ئۇلار سامۇئىل پەيغەمبەردىن بىر پادىشاھ تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغانىدى. شۇڭا، خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تاللاپ بەردى. سائۇل قىرىق يىل پادىشاھلىق قىلدى. 22بىراق، خۇدا سائۇلنى تەختىدىن چۈشۈرۈپ، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ بەردى. خۇدا پادىشاھ داۋۇت ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت مېنى بەك خۇش قىلدى. ئۇ مەن نېمە دېسەم، شۇنى قىلىدۇ!» 23خۇدا بۇرۇن ۋەدە بەرگىنىدەك، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىسرائىللارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلىدى. ئۇ _ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر! 24ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى باشلاشتىن بۇرۇن، يەھيا پەيغەمبەر چىقىپ، ئىسرائىل خەلقىنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى. 25يەھيا پەيغەمبەر ۋەزىپىنى تاماملاش ئالدىدا، خالايىققا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر مېنى كىم دەيسىلەر؟ مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەمسىلەر؟ ياق! مەن سىلەر كۈتكەن ئادەم ئەمەسمەن. ئۇ مەندىن كېيىن كېلىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!»

26ئەي ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېرىنداشلار ۋە يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا ھەممىمىزنى قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. 27يېرۇسالېم خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ئىبادەتخانىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، چۈشەنمەيتتى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق دېيىشى بىلەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرى ئەمەلگە ئاشتى. 28ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا بىرەر گۇناھ تاپالمىغان بولسىمۇ، ۋالىي پىلاتۇستىن يەنىلا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس قوشۇلدى. 29ئۇلار بۇ ئىشلارنى پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە ئالدىن ئېيتقانلىرىنى بىلمەستىن قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى كرېستتىن چۈشۈرۈلۈپ، دەپنە قىلىندى. 30لېكىن، خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى! 31تىرىلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇن ئۆزى بىلەن بىللە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن يېرۇسالېمغىچە ئەگىشىپ كەلگەنلەرگە كۆپ قېتىم كۆرۈندى. ھازىر بۇ كىشىلەر ئىسرائىل خەلقىگە ھەزرىتى ئەيسانىڭ گۇۋاھچىسى بولۇۋاتىدۇ!

32-33بىزمۇ ھازىر بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىمىز. خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلدۈرۈش بىلەن، ئەجدادلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىسىنى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇردى! بۇ ھەقتە پادىشاھ داۋۇت زەبۇرنىڭ ئىككىنچى نەزمىسىدە ئالدىن مۇنداق خاتىرىلىگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇم. بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى جاكارلىدىم.»* 34خۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيسانى مەڭگۈ چىرىمەس قىلىپ تىرىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن مۇنداق يېزىلغان: «پادىشاھ داۋۇتقا قىلغان ۋەدەمدە تۇرۇپ، سىلەرگە مۇقەددەس ۋە مۇقەررەر بەخت ئاتا قىلىمەن!» 35بۇ ھەقتە زەبۇرنىڭ يەنە بىر يېرىدە تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ مۇنداق يېزىلغان: «خۇدا، سەن سادىق خىزمەتكارىڭنىڭ تېنىنىڭمۇ چىرىشىگە يول قويمايسەن.»

36بۇ يەردىكى «سادىق خىزمەتكار» دېگەن سۆز پادىشاھ داۋۇتقا قارىتىلغان ئەمەس. چۈنكى، پادىشاھ داۋۇت ئۆزىنىڭ زامانىدا خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خىزمەت قىلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپ يەرگە كۆمۈلگەن. ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەن. 37ھەزرىتى ئەيسا بولسا خۇدا تەرىپىدىن تىرىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭ تېنى پەقەت چىرىمىدى. 38شۇڭا قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بىزنىڭ سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتقان گۇناھتىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغانلىرى ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇ! 39مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇشقا ھەرقانچە تىرىشساڭلارمۇ، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. خۇدا پەقەت ھەزرىتى ئەيسا ئارقىلىقلا سىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ قارايدۇ. 40شۇڭا، پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان بالايىئاپەت بېشىڭلارغا كېلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئېھتىيات قىلىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭلار!:

41«قۇلاق سېلىڭلار، ئەي مېنى مازاق قىلىۋاتقانلار!

ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ ئۆلىسىلەر!

چۈنكى، مېنىڭ زامانىڭلاردا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى كۆرگىنىڭلاردا،

كىشىلەر ئۇنى سىلەرگە چۈشەندۈرسىمۇ، ئىشەنمەيسىلەر!»

42پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارنى كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە تەلىم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. 43جامائەت تارقالغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ پاۋلۇس بىلەن بارناباغا ئەگەشتى. بۇ ئىككىسى ئۇلارغا سۆز قىلىپ، «خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار!» دەپ رىغبەتلەندۈردى.

پاۋلۇسنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يۈزلىنىشى

44كېيىنكى دەم ئېلىش كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى. 45بىراق، بۇنچە كۆپ ئادەملەرنى كۆرگەن بىر قىسىم يەھۇدىيلار ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. 46لېكىن، پاۋلۇس بىلەن بارنابا تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى:

_ بىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئالدى بىلەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن، سىلەر يەھۇدىيلار ئۇنى قوبۇل قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە لايىق كۆرمىدىڭلار. شۇڭا، بىز سىلەردىن ئايرىلىدىغان بولدۇق. ئەمدى بىز خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمىز! 47چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان:

«يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بارلىق ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن،

سېنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە نۇر قىلىپ ئەۋەتتىم.»

48يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشتى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ تەلىملەر ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. خۇدا تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ھاياتنى قوبۇل قىلىشقا تاللانغانلارنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

49شۇنداق قىلىپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەر پۈتۈن زېمىنغا كەڭ تارقالدى. 50بىراق، يەھۇدىيلار شەھەر باشلىقلىرىنى ۋە ئابرويلۇق دىندار ئاياللارنى پاۋلۇس بىلەن بارناباغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى. ئۇلار ئۇ ئىككىسىگە زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. 51شۇڭا، پاۋلۇس بىلەن بارنابا ھېلىقى يەھۇدىيلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىۋېتىپ، كونيا شەھىرىگە كېتىپ قالدى. 52ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار بولسا خۇشاللىققا ھەمدە مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە چۆمدى.



*9سائۇل يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خۇش خەۋەر تارقاتقاندا، ئۆزىنىڭ گرېكچە ئىسمى «پاۋلۇس»نى قوللانغان.

*32-33قەدىمكى زامانلاردا ئىسرائىلىيىدە بىر كىشى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەنگەندە، خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلاتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئىسرائىل پادىشاھىغا قارىتىلغان بۇ سۆز بۇ يەردە نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنى تىرىلدۈرگەنلىكى بىلەن، ئۇنى ئەرشتە تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ، پادىشاھ قىلغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى